• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: مىلياردېرلارنىڭ پۇلى نەدىن كەلگەن، قانداق خەجلەيدۇ؟

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 11:40 24-02-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئالدىنقى10 مىلياردېرنىڭ تۇققۇزى ئامېرىكىلىق بۇلۇپ، ئىسپانىيەلىك بىر مىلياردېرنىڭ بايلىقى ساپ قىممىتى 5مىليارىد 825مىلىيۇن ئامىرىكا دوللار ئىكەن. ئۇلارنىڭ رېئال تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ بايلىقدىن قانداق پايدىلىنىدىغانلىقى ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە تالاش - تارتىش قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى.
    ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» 2–ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىدە دېيىلىشىچە، مالىيە تەتقىق قىلىش شىركىتى Wealth-X پات ئارىدا دۇنيادىكى ئون چوڭ مىليادىر بايلارنىڭ رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدىغان بۇلۇپ، بۇ تەرتىپتە كۆرسىتىلىشىچە، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىس( Bill Gates) بىر ئادەمنىڭ بايلىقى893 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بۇلۇپ، بۇ تىزىملىكتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئارقىدىن تىزىلغىنى ئۇنىڭ دوستى ۋاررېن باففېت (Warren Buffett)بۇلۇپ، بايلىقى 735 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
    بۈگۈنكى كۈندە پۇلغا ئالاقىدار تېمىلىرى –مەسىلەن: باي-نامراتلىق پەرقى ۋە باي قاتلامى بۇيىچە باج كېمەيتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلىق تېمىلار ھىساپلىنىدۇ.
    بىل گايتىس، باففىت ۋە برون برىگدەك مىليادىرلار دۇنيانى قۇتقۇزۇشنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ بايلىقىنى ئىئانە قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئالدىنقى ئون ئىچىدىكى باشقا مىلياردېرلارمۇ بۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتناشتى، بىراق ئۇلار يەنىلا ئاساسلىق زېھنىنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇشقا قاراتتى، مەسىلەن: ئامازون شىركىتىدىكى( Amazon) جېف.بېيزوس(Jeff Bezos)، فاكېبووك(Facebook)تىكى مارك(Mark Zuckerberg)، ئۇندىن كىيىن Google ئانا شىركىتى Alphabet شىركىتىىدكى لاررى . پىچچى (Larry Page) قاتارلىقلارمۇ ئايرىم –ئايرىم ھالدا تۆتىنچى، بەشىنچى ۋە ئونىنچى ئورۇنغا تىزىلدى.
    ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى10ئىچىدىكى ياكى 20 ئىچىدىكى باشقا نۇرغۇن مىلياردېرلار يەنىلا ناھايتى كەمتەر بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.
    باي بۇلۇشنىڭ يوللىرى
    ئالدىنقى قاتاردىكى10 مىلياردېرنىڭ ئىچىدە، ئالتىسى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە بايلىققا ئېرىشكەن. لېكىن Wealth-Xنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئەتراپىمىزدىكى بارلىق مىلياردېرلارنىڭ ئىچىدە، پەن-تېخنىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار پۈتۈن دۇنيادا 114ئادەم بولۇپ ، شۇغۇنلىندىغان ئادەم سانى كۆپ كەسىپلەر ئىچدە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرغان.
    پۇل مۇئامىلە كەسپىدە مىلياردېر ئەڭ كۆپ بولۇپ، 377 ئادەم ، دۇنيادىكى بارلىق مىلياردېرلارنىڭ %15نى ئىگىلەيدۇ. ئىككىنچى ئورۇندا تۇردىغىنى سانائەت گۇرۇھى،317 ئادەم باربۇلۇپ، دۇنيادىكى بارلىق مىلياردېرلارنىڭ %13 نى ئىگىلىگەن.
    ئۇنىڭدىن كىيىن قالسا، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كەسىپنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى سەل تۆۋەنلىگەن. ئۆي-زېمىن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار پۈتۈن دۇنيادا 141ئادەم بۇلۇپ، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.
    ۋارىسلىق قىلغان مىليادېرلار تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بۇلۇپ، 122 ئادەم بار ئىكەن. ياسىمىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىليادېرلار بەشىنچى ئورۇندا بۇلۇپ، 120 ئادەم بارئىكەن.
    باشقا يەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدا مىلياردېرلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن ياۋروپادىكى مىلياردېرلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس( بىراق ئۇلارنىڭ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ئامېرىكىلىق مىلياردېرلارنىڭكىدىن ئاز).
    ئاسىيامۇ تېز سۈرئەتتە يېتىشۋالدى. شىۋىتسارىيە بانكىسى(UBS) نىڭ ھىساباتىغا ئاساسلانغاندا، ئاسىيادا ھەر ئۈچ كۈندە بىر يېڭى مىليادىر دۇنياغا كىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ رايۇندىكى%65 مىلياردېر جۇڭگوغا مەركەزلەشكەن ئىكەن.
    گەرچە جۇڭگولۇق مىلياردېرلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەرشارىدىكى مىليادېرلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ماس قەدەمدە ئاستىلىغان. Wealth-X مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2020 -يىلىغا بارغاندا، يەر شارىدىكى مىلياردېرلارنىڭ سانى 3250 يېتىدۇ، بۇرۇن مۆلچەرلەنگەن 3873 ئادەمدىن %16 ئادەم ئاز، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش پىلانى ئاستا بۇلىۋاتىدۇ.
    پۇل كۆپ بولسا قانداق خەجلەش كىرەك
    پۇلنىڭ كۆپلىكىدىن نەچچە ئەۋلاد خەجلىسىمۇ تۈگىمەيدىغان كىشلەر، قانداق ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى سېزنىڭ كىمدىن سورىشىڭىزدا.
    نامراتلىققا قارشى خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى لېشىخۇي(Oxfam)خەلقئارا بىرلەشمىسى(Oxfam International )نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكىلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: سەككىز مىلياردېرنىڭ ئىگە بولغان بايلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ يېرىمى يەنى3 مىليارد 600 مىليون ئادەمنىڭ بايلىقى بىلەن باراۋەر.
    ھەر ئون ئادەمنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى بىر ئادەم يەنىلا ئىككى ئامرىكا دوللىرىغا يەتمىگەن پۇلغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، شۇنچە كۆپ بايلىقنى ئاز ئادەم ئىگىلەپ تۇرسا، بۇنى قوبۇل قىلش ناھايتى تەس، لېشىخۇي ئىجرالىيە باش ئىش بېجىرگۈچىسى ۋېننى . بىيەنيىما ( Winnie Byanyima) بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « تەڭسىزلىك ھازىر نەچچە يۈز مىليون كىشىلەرنى نامراتلىققا باشلىدى.
    نۇرغۇن مىلياردېرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خەير-ساخاۋەت بارغانسېرى مۇھىم بولۇپ كەتتى. لېكىن بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ، گەرچە ئۇ بىر مىليادېر بولسىمۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • يەر شارى بويىچە ئەڭ باي شەھەرلەر
    • يەر شارى بويىچە ئەڭ باي شەھەرلەر
    • ۋاھالەنكى ئاساسلىقى بايلىقنىڭ كىلىش مەنبەسى نېفىت بولۇپ، دۇبەي ئوتتۇرا شەرقنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە ئاۋىياتسىيە مەركىزى ھېسابلىنىدۇ ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى