• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تۇخۇمنى كۆپ يېيىش زىيانلىق

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 10:55 24-02-2017
    تەھرىر : رەئىسە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ياپۇنىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر 14 يىل ئاياللارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كۈندە بىردىن ئارتۇق تۇخۇم يېگەن ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى خولېستېردىن مىقدارى كۆپىيىپ، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭمۇ ھەپتىسىگە بىر ياكى ئىككى تۇخۇم يەيدىغان ئاياللاردىن %22 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەيلى ئەر-ئايال، قېرى-ياش بولسۇن تۇخۇمنى توغرا يېيىش ئۇسۇلىنى بىلمىسە، تۇخۇم قۇۋۋەت يېمەكلىكىدىن زەھەرلىك يېمەكلىككە ئايلىنىپ قالىدىكەن.

    بالىلار ھەپتىسىگە ئۈچتىن تۆتكىچە تۇخۇم يەپ بەرسە مۇۋاپىق: بالىلارنىڭ بەدىنى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا بەدەندىكى ئانابولىزممۇ تېز، ئاقسىلغا بولغان ئېتىياجمۇ يۇقىرى بولىدۇ. تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تولۇق، ئاسان پىشىدىغان بولغاچقا، بوۋاقلارغىمۇ يېگۈزۈشكە بولىدۇ. بىراق تۇخۇمنى كۆپ يېيىش بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە چوڭ زىيان قىلىدۇ. ئاقسىل زىيادە كۆپ بولسا بەدەندىكى ياغنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىپ سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

    ئاق ياقىلىقلار تۇخۇمنى بەك كۆپ يەۋالماسلىقى كېرەك: نۇرغۇن ئاق ياقىلىقلار بىر تال تۇخۇمنى ناشتىلىقنىڭ ئورنىدا يەيدۇ، ئەمەلىيەتتە باشتىدا تۇخۇم يېيىشلا يېتەرلىك ئەمەس. ساغلام ئەمەس. ساغلام ئوزۇقلۇق قىممىتى بولغان ناشتا ھەر خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى بىلەن بولىدۇ، مەسىلەن: ئاقسىلدىن باشقا دانلىق يېمەكلىك، مېۋە قاتارلىقلار.

    تۇخۇم ئارقىلىقلا ئوزۇقلۇق تولۇقلىماسلىق كېرەك: نۇرغۇن كىشى تۇخۇم مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئوخشاشلا ساغلاملىق كۆرسەتمىسىنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك، ناۋادا كۈندە تۇخۇم يېيىشكە توغرا كەلسە چوقۇم خولېستېرىن مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. مەسىلەن: قوي كۆشى، كالا گۆشى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار.

    ياشانغانلار ھەپتىسىگە ئۈچ تۇخۇم يېسە كۇپايە: ياشانغانلار يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت، يۈرەك، قان تومۇر ئاغرىقلىرى ساغلاملىق كۆرسەتمىسىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇخۇم يېيىشى كېرەك.


    «ساغلاملىق ۋاقتى گېزىتى»دىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى