• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇبەي 80 قەۋەتلىك ئايلىنالايدىغان مېھمانساراي سالماقچى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:10 20-02-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ساياھەتچى دۇبەيگە بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولدى، دۇبەي ئايلىنالايدىغان يېپيېڭى مېھمانساراي سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر قايسى تەرەپنى كۆرگۈسى بولسا ئۆزى تۇرۇشلۇق قەۋەتنى ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئوخشىمىغان يۆنىلىشلەردىكى مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيدۇ.
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ مېھمانساراينىڭ ئىسمى «دىنامىك مۇنار مېھمانسارىيى» ئىكەن، ئۇنىڭ لايىھەلەش خىزمىتى 2008-يىلدىن باشلانغان بولۇپ، 2020-يىلى ئىش باشلىنىدىكەن.
    بۇ سىرلىق مېھمانساري 80 قەۋەت، تەخمىنەن 458.33 مېتىر بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئىلغار «ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىش سىستېمىسى»دىن پايدىلىنىدىكەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق قەۋەتنى 360 گىرادۇس ئايلاندۇرسىمۇ، باشقا قەۋەتلەرگە تەسىرى بولمايدىكەن. مېھمانساراي پۈتكەندىن كېيىن دۇبەينىڭ يېڭى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ قالىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى