• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    جوڭگودىكى ئەڭ داڭلىق تۆت يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 17:09 20-02-2017
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بۈگۈنكى باش بەت خەۋەرلىرى تورى: بېيجىڭ - گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى : بېيجىڭ - گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، دۇنيادىكى مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2294 كىلومېتىر كىلىدۇ، بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، بېيجىڭدىن ئۆتۈپ، خىنەن، خۇبېي، خۇنەن،گۇاڭدۇڭ گۇاڭجۇ جەنۇبىي ۋوگزالىدا ئاخىرلىشىدۇ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئىقتىسادىي رايونى، ۋۇخەن شەھەر چەمبىرىكى، جۇجياڭ دېلتىسى ئىقتىسادىي رايونىنى ئۆز-ئار تۇتاشتۇرغان . قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلار : جۇڭگو تۆمۈر يول 1 - ئىدارىسى ، ئۈچىنچى ئىدارىسى ، تۆتىنچى ئىدارىسى، بەشىنچى ئىدارىسى يەتتىنچى ئىدارىسى ، سەككىزىنچى ئىدارىسى، چوڭ كۆۋرۈك ئىدارىسى ، ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىقلار قاتناشقان .

    بېيجىڭ - شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى : بېيجىڭ - شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى دۇنيادىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان تۆمۈر يول بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق قۇرۇلۇش مۇساپىسى ئۇزۇن، مەبلەغ چوڭ، ئۆلچەملىك يۇقىرى بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرلۇشى بولۇپ، بۇ تۆمۈر يول لىنىيەسى بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن شاڭخەينىڭ خۇڭچياۋ ۋوگزالىغاتۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1318 كىلومېتىر كىلىدۇ، سائەتلىك سۈرئىتى350 كىلومتېر كىلىدۇ، 2011-يىلى6-ئاينىڭ30-كۈنى قاتناش باشلانغان، 2015 - يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا ئىلگىرىلەش ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلار : جۇڭگو تۆمۈر يول 1 - ئىدارىسى، ئىككىنچى ئىدارىسى، ئۈچىنچى ئىدارىسى، تۆتىنچى ئىدارىسى، بەشىنچى ئىدارىسى، ئالتىنچى ئىدارىسى، سەككىزىنچى ئىدارىسى، ئونىنچى ئىدارىسى، قاتارلىقلار قاتناشقان.

    لەنجۇ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى : لەنجۇ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1776 كىلومېتىر كېلىدۇ ، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر بولۇپ، 2009 - ئىش باشلاندى ، 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى پۈتۈپ قاتناش باشلانغان . لەنجۇ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال ۋە شەرقىي قىسىم رايونلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ بېرىپ كىلىش، ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلىگىرى سۈرگەن . قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلار : جۇڭگو تۆمۈر يول بىرىنچى ئىدارىسى ،ئىككىنچى ئىدارىسى، ئۈچىنچى ئىدارىسى ، تۆتىنچى ئىدارىسى، بەشنچى ئىدارىسى ، ئالتىنچى ئىدارىسى، سەككىزىنچى ئىدرىسى قاتارلىقلار قاتناشقان.

    خەينەن ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى :خەينەن ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، دۇنيادىكى تۇنجى ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بولۇپ، لىنىيەسى خەيكودىن سەنياغىچە، شەرقىي ئايلانما 308 كىلومېتىر ، غەربىي ئايلانما 345 كىلومېتىر ، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا خەينەن شەرقى ئايلانما تۆمۈر يولى رەسمىي ئېچىلدى ،2015-يىلى12-ئاينىڭ30-كۈنى، غەربىي ئايلانما تۆمۈر يولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى. قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلار : تۆمۈريول ئىككىنچى ئىدارىسى ، ئۈچىنچى ئىدارىسى ، تۆتتىنچى ئىدارىسى، ۋۇخەن ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك 2 ـ خەلق دوختۇرخانىس قاتارلىقلار بار


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى