• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئوباما باي دوستىنىڭ شەخسىي ئارالدا دەم ئىلىشىنى باشلىۋەتتى

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:31 08-02-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2017–يىلى 2–ئاينىڭ 7–كۈنى خەۋەر قىلىنىشىچە، سابىق زۇڭتۇڭ ئوباما ئائىلىسىدىكىلەر ئاق سارايدىكى ئالدىراشلىققا تولغان تۇرمۇش بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ دەم ئېلىش تۇرمۇش ئەندىزىسىنى باشلىغان. يېقىندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى ۋىرگىن تاقىم ئاراللىرى (VirginIslands) غا بېرىپ رىچارد بىرانسون (Rid Branson) ئىسىملىك مىليادىرغا تەۋە شەخسىي ئارالغا ئارام ئالغىلى بارغان. 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئوبامانىڭ بۇ شەخسىي ئارالدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، ئۇ مىليادىر رىچارد بىرانسون بىلەن لەگلەك دولقۇن تېيىلىغان، شۇنداقلا كىمنىڭ دولقۇن تېيىلىش تاختىسىدا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت تۇرالايدىغانلىقى تۇغرۇلۇق مۇسابىقىگە چۈشكەن، ئاخىرىدا ئوباما مۇسابىقىدە يەڭگەن.

    سۈرەتتە: ئوباما كۆرەڭلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ مۇسكۇللىرىنى نامايەن قىلىپ غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە. سۈرەتتىن قارىغاندا، ئوباما ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۇ قارىماققا ئاق سارايدىكى تالاش-تارتىشلاردىن تولۇق خوشلاشقاندەك كۆرۈنەتتى.

    ئارال خىزمەتچىلەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئوباما بىلەن بىللە تەخمىنەن يۈزدىن ئارتۇق ئادەم بىللە كەلگەن بۇلۇپ، كۆپ قىسمى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ۋە سابىق بىرىنچى خانىمنىڭ ياردەمچىلىرى ئىكەن. ئوباما دەم ئىلىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ۋاشىنگىتونغا قايتىپ كىچىك قىزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقىشىغا ھەمراھ بولىدىكەن، ئۇنىڭ چوڭ قىزى ھازىر نيۇ يوركتا پراكتىكا قىلۋاتقان بۇلۇپ، ئارقىدىن خارۋاردقا ئۇقۇشقا كىرگەن ئىكەن.

    رىچارد بىرانسون مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ئوباما ئەر-ئايالنى بۇ يەرگە دەم ئىلىشقا تەكلىپ قىلغاندا ئۇلارنىڭ كىلىشىدىن « ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم »دېگەن، ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: ئوباما ئىلگىرى ئۇنىڭغا، ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭ بولغان چاغدا دولقۇن تېيلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئىيتقان.

    رىچارد بىرانسون يەنە مۇنداق دېدى: ئوباما قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى ئۆگىنىشىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىدى، لەگلەك دولقۇن تېيىلىشتا ئۇ ھەرگىز يىڭى ئۆگەنگەنلەرگە ئازراقمۇ ئوخشىمايدۇ.

    سۈرەتتە: زۇڭتۇڭ ئوباما لەگلەك دولقۇن تېيىلىماقتا.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى