• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تىرامپ ئىمزالىغان مەمۇرىي بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقىتلىق ئارقىغا سۈرۈش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان سوتچى زادى كىم؟

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 16:08 06-02-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 4-ئامېرىكا ۋاشىنگتون، خەلق ئاممىسى ئاق سارايدىن باشلاپ پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، زۇڭتۇڭ تىرامىپنىڭ چېگرىدىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا ئىتراز بىلدۈردى.
    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى 2–ئاينىڭ 4–كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، زۇڭتۇڭ تىرامىپنىڭ چېگرىدىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى يولغا قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاكالىتەن ئاخبارات بايان قىلىدىغان باياناتچىسى گېلىئان.كخرىستانسېن (Gillian Christensen) باياناتىدا مۇندا دېگەن: قوشما شىتات سوتچىسى جامىس.روبىرتسنىڭ( James Roberts) ھۆكۈمىگە ئاساسەن دەرھال بۇ زۇڭتۇڭنىڭ ‹ ھەر قانداق ھەمدە بارلىق› مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىش. دۆلەت زېمىن بايلىقى بىخەتەرلىكى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش چېگرىدىن كىرگەن يولۇچىلارغا بولغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كىرەك.

    ئىگىلىنىشىچە، تىرامپ ھۇجۇم قىلغان سوتچىنىڭ ئىسمى جامېس روبېرتىس (James Roberts) بولۇپ، بۇ سوتچى ئالدىنقى ھەپتە تىرامپ ئىمزالىغان مەمۇرىي بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقىتلىق ئارقىغا سۈرۈش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان. بۇ مەمۇرىي بۇيرۇقتا كەلگۈسى 90 كۈندە 7 ئوتتۇرا شەرق دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش، كەلگۈسى 120 كۈن ئىچىدە كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش، سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى مەڭگۈلۈك چەكلەش، بەلگىلەنگەن ئىدى.
    ئامېرىكا ۋاشنگتون ئىشتاتىنىڭ غەربىي رايونى فېدېراتسىيە يەرلىك سوت مەھكىمىسىدىكى بىر قوشما شىتات سوتچىسى 2–ئاينىڭ 3–كۈنى كېسىم چىقىرىپ، ئامېرىكىدا دائىرىسىدە زۇڭتۇڭ تىرامىپ يولغا قويغان مۇساپىرلار قاتارلىقلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى يولغا قويۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
    بۇ قوشما شىتات سوتچىسى جامېس روبېرتىس 2003-يىلى، شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى جورجى بۇش ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتا قوشما شىتات سوتچىسى بۇلۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ئاشكارلانغان ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جامېس روبېرتىس 1947–يىلى سىئاتېل شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1969-يىلى ۋىتمان ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، 1973 - يىلى Georgetown University ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتى پۈتكۈزگەن. ئۇ Lane Powell Moss & Miller ئادۋوكاتلىق ئورنىدا خىزمەت قىلىغان ھەمدە 2003 - 2004–يىللىرى مەزكۇر ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ شېرىكى بولغان.
    جامېس روبېرتىس ئىلگىرى سىئاتېل بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغان. پاراۋانلىق ئورنى ھۆكۈمەت تور پونكىتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ پاراۋانلىق ئورنى ئاساسەن روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىق مەسىلىسى بار بالىلار ۋە ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىدىكەن.
    جامېس روبېرتىس يەنە ۋاشىنگىتون بالىلار ئائىلىسى جەمئىيىتى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ كەلگەن بۇلۇپ، بۇ بالىلار ئائىلىسى جەمئىيىتى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ياردىم بىرىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى