• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئوباما نىمە ئىش قىلىدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:32 26-01-2017
    تەھرىر : {ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» تور بىكىتىنىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرى: بايلاردىن ھېسابلىنىدىغان ئوباما ئەر-خوتۇن قانداق قىلىپ تېخىمۇ باي بولىدۇ؟ نۇتۇق سۆزلىگۈچى ؟ پىرافېسسور؟ يازغۇچى؟ مۇدىرىيەت ئەزاسى؟ كەسپىي ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ خوجايىنى؟ بۇلار ئوباما ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن تاللاش ئېھتماللىقى بولغان كەسىپلەر.

    ئامېرىكىنىڭ ھەر بىر زۇڭتۇڭى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ھەر يىلى 205 مىڭ700 ئامېرىكا دوللىرىلىق پىنسىيە پۇلى ئالىدىكەن. ئوباما بۇ يىل 20 -يانۋار تۇنجى پىنسىيە پۇلىنى ئالغان. ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى يەنە ئىشخانا ۋە خىزمەتچىلىرىگە كېتىدىغان چىقىم ئۈچۈن بىرىلگەن قوشما ئىشتات فوندىغا ئېرىشەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە ئۆزىگە تايىنىدىكەن.

    ئوباما ھەر ھالدا ياش، ئاران 55 ياش شۇڭا كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا بۇ زۇڭتۇڭنىڭ بىر نەچچە كىرىم مەنبەسى بولۇشى مومكىن. بىر قەدەر بىخەتەر بولغان كىرىم مەنبەسى ئاشكارا نۇتۇق سۆزلەش. كۆپ سانلىق سابىق زۇڭتۇڭلار ئاشكارا نۇتۇق سۆزلەش. كۆپ سانلىق سابىق زۇڭتۇڭلار ئاشكارا نۇتۇق سۆزلەپ خېلى كۆپ پۇل تاپقان. سابىق زۇڭتۇڭلار ھەر قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەندە 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ كىرىم قىلالايدىكەن.

    ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئۇنۋېرسىتىتى پارلامىنىت ۋە زۇڭتۇڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جامىس سۇبىر مۇنداق دېگەن: بىز ئوبامانىڭ كەلگۈسىدە نىمىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، مەن ئۇنى يۇقىرى باھالىق نۇتۇق سۆزلەش پۇرسەتلىرىنى قولدىن بەرمەيدۇ دەپ قارىمايمەن، لىكىن ئامال بار نۇتۇق سۆزلەپ پۇل تېپىشى مومكىن. ئۇ يەنە كىتاب، ئەسلىمە يېزشى مومكىن. ئوباما 2009-يىلى قورقىماس ئۈمۈد›› ۋە ‹‹ ئاتامنىڭ ئارزۇسى›› ناملىق ئىككى كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ، 5 مىليۇن 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلغان.

    ‹‹ نىيورىك ۋاقىت گېزىتى›› نىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئوباما ۋە مىشىل كەلگۈسىدە كىتاب يېزىپ، 20 مىليۇندىن 45 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغىچە كىرىم قىلىشى مومكىن ئىكەن. ئوباما ئۆزىنىڭ خوشلىشش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزى ۋەزىپىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن كىتاب يېزى ئويى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوباما ئەر-خوتۇن بايلاردىن. بىر يىل ئىلىگىرىكى دوكلاتقا قارىغاندا، زۇڭتۇڭنىڭ ساپ بايلىقى 12 مىليۇن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. بۇنىڭغا ئۇنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى قوشقاندا، ئۇ خېلى راھەت تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىكەن. ئۇ ۋاشىنگىتون كالوراما مەھەللىسىدە بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، ئايلىق ئىجارىسى 22 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. گولىف توپقا ھېرىسمەن بولغان ئوباما ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يەنە بىر ئۆي ئىجارىگە ئالغان. ئوباما يەنە ئوقۇتقۇچى بولۇشى مومكىن. ئۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بولۇشتىن ئىلىگىرى چېكاگو ئۇنۋېرسېتىتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىدا 12 يىل لىكتور بولغان. ئۇ خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىن كىيىن چىكاگوغا كېلىپ، 150 ئامېرىكا دوللىرىغا بىر ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئىشىلىگەن. ئۇ بەلكىم يەنە ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايۇنىدا ياكى نىيۇيورىكتىكى كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا دەرىس بېرىشى مومكىن. قانۇنشۇناسلىق پىرفېسورنىڭ يىللىق كىرىمى ئادەتتە 150 مىڭدىن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىدىكەن.

    ئۇنىڭ يەنە باشقا تاللاشلىرىمۇ بار. بۇ سابىق زۇڭتۇڭ كىلىنتون ئەر-خوتۇنغا ئوخشاش فوندى جەمىيئەت قۇرۇشى مومكىن. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر قانداق بىر شىركەتنىڭ مۇدىرىيتىمۇ بۇ سابىق زۇڭتۇڭنى قارشى ئالىدۇ، ئۇنىڭغا ئالتە خانىلىق ھەق بېرىپ ئىشلىتىشى، يەنە خۇسۇسىي ئايرۇپىلان بىلەن تەمىنلىشى ئېنىق. ئوباما ئىلىگىرى ئۆزىنىڭ سودا ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتىقانىكەن.

    جامېس مۇنداق دېگەن: ئۇ شىركەت مۇدىرىيتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكىم ئالىي مەكتەپنىڭ مۇدىريىتىدە ئىشلىشى ياكى فوند جەمىيەتتە ئىشلىشى مومكىن.

    ‹‹ دەۋىر›› ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا پەرەز قىلىشىچە، كەلگۈسىدە ئوباما كەسپىي ۋاسكىتبول كوماندىسىغا ئىگە بولۇشنى ئويلايدىكەن. كىشىلەر بۇ سابىق زۇڭتۇڭنى باشقا سابىق زۇڭتۇڭلار ئارىسىدا ۋاسكىتبولغا ئەڭ ئۇستا دەپ قارايدىكەن. بىراق ئامېرىكا مەملىكەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمىئىيتىنىڭ كۆپ سانلىق كوماندىسى خوجايىنلىرىغا ئۇنچە كۆپ پۇل تېپىپ بىرەلمەيدىكەن. كوماندا خوجايىنلىرى ئادەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كوماندا سېتىۋېلىشىدىكى مەقسىتى پۇل تېپىش ئەمەس ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • ئوباما نىمە ئىش قىلىدۇ؟
    • ئوباما نىمە ئىش قىلىدۇ؟
    • بايلاردىن ھېسابلىنىدىغان ئوباما ئەر-خوتۇن قانداق قىلىپ تېخىمۇ باي بولىدۇ؟ نۇتۇق سۆزلىگۈچى ؟ پىرافېسسور؟ يازغۇچى؟ مۇدىرىيەت ئەزا ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى