• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاپتونوم رايون ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

    مەنبە : uyghur.news.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 13:56 24-01-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاپتونوم رايون 1 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ چاغاننى كۈتۈۋالدى، سۆھبەت يىغىنىدا ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋىتى بايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات پىلانى ئورتاق كېڭىشىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، سارقىت ئاقان، جەرۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

    سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمى، ج خ رەسمىي قىسىمىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا چاغانلىق ئەھۋال سوراشتى.

    چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاكالىتەن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمى ۋە ج خ رەسمىي قىسىمىدىكى بارلىق ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر، ئارمىيەدىن پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار، ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، مېيىپ ھەربىيلەر، ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشقانلار، ھەربىيدىن قايتقانلار، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، زاپاس خەلق ئەسكەرلىرىدىن چاغانلىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى، چاغان مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرىدىغان ۋە ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئە 1 – سېپىنى قوغدايدىغان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەپ، ‹‹13 – بەش يىل›› نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك قوللىشى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن قولغا كەلگەن، بۇنىڭغا يەنە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمى، ج خ رەسمىي قىسىمىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ قان – تەرى ۋە ئەجرى سىڭگەن.

    چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇرچىغا سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرا باشقۇرۇش، بىخەتەرلىكنى قوغداش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى بىرمۇبىر ئورۇنداش داۋامىدا، باشتىن – ئاخىر 1 – سەپتە، جەڭنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللاپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەربىي ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسىم تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولۇش ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمى، ج خ رەسمىي قىسىمىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشتەك ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تۇتقىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زېھنى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى ۋېي، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى قورال – ياراغ تەرەققىيات بۆلۈمى 21 – بازىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى كۇڭ لىڭسەي، ھاۋا ئارمىيە ئۈرۈمچى بازىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى لى ۋېنگاڭ، قوراللىق ساقچى قىسىمى شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ ئەيگو شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. كۆپچىلىك سۆزىدە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ كۈچىنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا مۇجەسسەملىگەنلىكى، يەرلىكنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزگەنلىكىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بايان قىلدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى بىر يىلدا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، يېڭى باش پەللىنى مەۋقە قىلىپ، رولىنى تىرىشىپ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، روھنى مۇستەھكەملەش، ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش ھازىرلىقى، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىشنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى تۆھپە قوشىمىز


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى