• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تەتقىقاتچىلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەردە 10 چوڭ ئوخشاشلىق بارلىقىنى بايقىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:54 11-01-2017
    تەھرىر : {ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كېسەل بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سەۋەبلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. يېقىندا ئەنگىلىيەدىكى 100 ياشلىق ياشانغانلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىچە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەردە نۇرغۇنلىغان ئورتاق ئالاھىدىلىكلەر بار ئىكەن، مەسىلەن: ئۇلار تۆۋەن دەرىجىدە سەپرا مىجەز، خاراكتېرى بەك ئوچۇق، ھەمكارلىشىشقا ماھىر ئىكەن؛ ئۇلار سېمىز ئەمەسكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇق، ئەس-ھوشى جايىدا بولۇپ، بېسىمغا ئەپچىللىك بىلەن تاقابىل تۇرالايدىكەن. بۇ تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشىچە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەردە تۆۋەندىكىدەك 10 چوڭ ئوخشاشلىق بار ئىكەن:

    1 . ئۇخلىغاندا خورەك تارتمايدىكەن: ئۇخلىغاندا خورەك تارتمىسا، نەپەس راۋان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيقۇ سۈپىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

    2 . ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىن كېيىن قورساق قىسىمى يوغىناپ كەتمەيدىكەن: ئامېرىكا ياشانغانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن ئايان بولۇشىچە، بەل قىسىمى ھەددىدىن زىيادە تولغان ئاياللار دۇچ كېلىدىغان ئۆلۈم خەۋپى نورمال ئادەملەردىن %20 يۇقىرى بولىدىكەن. زىلۋا ئاياللار ياكى ئۇرۇق ئەرلەر تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن.

    3 . قاندىكى ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى يۇقىرى بولىدىكەن: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر مىللىلېتىر قاندىكى ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى 30 مىكرو گىرامدىن يۇقىرى بولۇشى لازىم ئىكەن. ۋىتامىن D سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنى ئازايتىپلا قالماستىن، بەلكى راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.

    4 . مىجەزى ئوچۇق ئىكەن: مىجەزى ئۇچۇق كىشىلەرنىڭ دىۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %50 ئەتراپىدا تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى كورتىزول(پوستىلاق ماددا)نىڭ سەۋىيەسىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق كورتىزولنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. مەسىلەن: دائىم چوڭقۇر خىيال قىلىش، قىزىل چاي ئىچىش، چۈشتە ئۇخلاش قاتارلىقلار.

    5 . ھەر كۈنى 40 مىنۇت يۈگۈرەيدىكەن: ئامېركا كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئالىملار يۈگۈرىدىغانلار بىلەن يۈگۈرمەيدىغانلارغا قارىتا، 21 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكىچە يەكۈن چىقارغان: ئوتتۇرا ياشلىقلار ئەگەر ھەر كۈنى 40 مىنۇت يۈگۈرسە، ئۆمۈرى تېخىمۇ ئۇزۇن، بىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن.

    6 . ئۆزىنى ئەمەلىي يېشىدىن 13 ياش كىچىك(ياش) دەپ ھېس قىلىدىكەن: بۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەردىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخىكا پەنلىرى پىروفېسسورى جاكېي سىمىت مۇنداق دەيدۇ: ئۆزىنى ياش ھېس قىلغاندا، بېسىمنى يەڭگىللىتىپ، ئىممۇنېتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرى كېسەل بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

    7 . دەۋىرگە ئەگىشىپ ماڭىدىكەن: تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، نۇرغۇن 100 ياشلىق ياشانغانلار ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاشنى بىلىدىكەن. تور ئارقىلىق ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان دوستلىرىنى ئىزدەيدىكەن، ھەتتا توردا ئۇچرىشىشقا كېلىشىدىكەن. يېڭى پەن-تېخنىكا ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتىكى تېتىكلىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدىكەن.

    8 . ھەيز توختاش مەزگىلى 52 ياشتىن باشلىنىدىكەن: تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ھەيز توختاش مەزگىلىنىڭ تەبئىي ھالدا كەينىگە سۈرۈلۈشى- ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى پىروفېسسورى جان مېئانكىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەيز توختاش مەزگىلىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشى- ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىكەن.

    9 . ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئاز بولىدىكەن: تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ بايقىشىچە، ھەر كۈنى يېمەك-ئىچمەكتىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى 1400 كىلوكالورىيەدىن 2000 كىلوكالورىيىگىچە كونترول قىلغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك ئىقتىدارى(فۇنكىسىيەسى) ئۇلاردىن 15 ياش كىچىك كىشىلەردەك بولىدىكەن.

    10 . يۈرەك رېتىمى بىرقەدەر ئاستا بولىدىكەن: نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تىنچ تۇرغان چاغدىكى يۈرەك رېتىمى ھەر مىنۇتىغا 60-100 قېتىم بولىدۇ. يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى قانچە ئاز بولسا، بەدەن شۇنچە ساغلام بولىدۇ. يۈرەك رېتىمى بىرقەدەر ئاستا بولۇش يۈرەكنىڭ خىزمەتكە ھەددىدىن زىيادە كۈچىمىسىمۇ، قاننى يەتكۈزۈپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى