• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تەرجىمە پۇرىقى يوق تەرجىمە ئەڭ ياخشى تەرجىمىدۇر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:59 11-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مو يەن
    كۆپچىلىك تەرجىمە ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئاسان ئىش ئەمەس، جۇڭگونىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىش تېخىمۇ ئاسان ئىش ئەمەس، دېيىشىدۇ. لېكىن، شۇنداق دەپ تۇرۇقلۇق قىزىقىشى بار نۇرغۇن كىشى بارلىق ئۆمرىنى ياكى ئەقىل – ئىدراكى، كۈچ – قۇۋۋىتىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئەدەبىي تەرجىمىگە بېغىشلىۋېتىدۇ. ئۇلاردىكى كۆڭۈل بەرگەن ئىشىغا قىزغىن ھەۋەس – ئىشتىياق بىلەن كىرىشىشتەك بۇنداق ئېسىل روھ مەندە بىر خىل ھۆرمەت ھېسسىياتى قوزغىدى.
    مېنىڭچە، تەرجىمە ئەدەبىياتىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، قارىماققا، تىل مەسىلىسىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە دۇچ كېلىدىغان ھەقىقىي قىيىنچىلىق مەدەنىيەت مەسىلىسىدۇر. تىل قاتلىمىدىكى قىيىنچىلىق تېخنىكا مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنى ئادەتتە، قورال كىتابلارغا تايىنىپ ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. لېكىن، يېزىقنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مەدەنىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. مەدەنىيەت مەسىلىسى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئەسىرى تەرجىمە قىلىنىدىغان دۆلەتنىڭ تارىخى، خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدىن چوڭقۇر خەۋەردار بولۇشىغا ۋە ئۇنى ئىنچىكە كۆزىتىشىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، تەرجىمە قىلغۇچى يازغۇچىنىڭ مەقسىتىنى چىن مەنىسىدىن تۇرۇپ كۆڭۈلدىكىدەك ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى، نۇرغۇن نەرسىنى لۇغەتتىن ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ. بىز چەت ئەلگە ياكى ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بارغاندا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قوبۇل قىلىش تەس ياكى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بەزى ئادەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. لېكىن، بۇلار دەل ئەدەبىيات ئەڭ كېرەكلىك دېتاللار ياكى تۇرمۇشتا كۆرۈلۈپلا تۇرىدىغان ئەھۋاللاردۇر. قوبۇل قىلىش تەس بولغان ئىشنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلالىغان، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ‹‹ھە، ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن – دە›› دەپ كۆنۈپ قالالىغان چاغدىلا، چوڭقۇر قاتلامدىكى مەنىنى ئوبدان تەرجىمە قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ.
    ئەدەبىيات تىل سەنئىتىدۇر، تەرجىمىمۇ تىل سەنئىتىدۇر. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئەسلىدىكى تىل ئۇسلۇبىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ناھايىتى توغرا ئىپادىلەپ بېرىش، يات ئەلنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنى ئەسلىي ئەسەرنىڭ تىل خاسلىقىدىن لەززەتلەندۈرۈش ھەقىقەتەن بەك مۇرەككەپ تېخنىكىلىق ئىشتۇر. مانا بۇ تەرجىمە قىلغۇچىدىن تەرجىمە قىلىنىدىغان تىلنىڭ مۇتەخەسسىسىلا ئەمەس، بەلكى ئانا تىلىنىڭمۇ مۇتەخەسسىسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا، ئۇنىڭ ئىشلىرى سۇدەك يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. مېنىڭ ئۇستازىم شۈ خۈەيجۇڭ ئەپەندى: ‹‹تىل، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا يازغۇچىنىڭ ئىچكى ئاجراتمىسىدۇر››، دېگەنىدى. بۇ، يازغۇچىنىڭ تىل ئۇسلۇبى ئۇنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. تەرجىمەشۇناس ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن بۇنداق ئۇسلۇبقا ماسلىشىشنىڭ يولىنى تاپىمەن دەيدىكەن، ئۇنداقتا، ئالدى بىلەن يازغۇچىنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىنى بىلىۋېلىشى ھەم ئۇنى بىلىۋېلىشقا ئىنتىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
    مەن ئىزچىل ھالدا تەرجىمە ئىجادىي خىزمەت، دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن. دەرۋەقە تەرجىمىدە ئەسلىي ئەسەرگە سادىق بولۇش كېرەك، تەرجىمىنى ئىجادىي ئىشلەشكە بولمايدۇ، دەپ قاراۋاتقانلارمۇ بار. مېنىڭچە، ئەسلىي ئەسەرگە سادىق بولۇش بىلەن ئىجادىي تەرجىمە قىلىش ئانچە زىددىيەتلىكمۇ ئەمەس. ئەگەر مەلۇم بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بىر نەچچە تەرجىمان ئوخشاش بىر خىل تىلغا تەرجىمە قىلغان بىر نەچچە خىل تەرجىمىسى بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەدەبىي ئەسەر ئاساسەن ئەسلىگە سادىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەزىلىرى تىلى پاساھەتلىك، سۆز – جۈملىلىرى راۋان، يەڭگىل، ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولۇشتەك ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئوقۇرمەننى سۆيۈندۈرۈپ، دىلىنى يايرىتىۋېتىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلىرى تىلى يىرىك، سۆز – جۈملىلىرى ئېنىقسىز، غۇۋا، تۇتۇق تازا باغلاشماسلىقتەك نۇقسانلىرى بىلەن ئوقۇرمەنگە پولۇدىن كېيىن زاغرا يېگەندەك تەسىر بېرىپ، كۆڭۈلنى غەش قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تەرجىمە ئەسەرلەر ئىجادىي تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر، ھېلىقىدەك ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويغان ئەسەرلەر چولتا، ھەتتا بۇزۇپ تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەردۇر.
    مەن چەت ئەلنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان بەزى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ‹‹ئۆز ۋەتىنى ياكى ئوخشاش تىل رايونىدا ناھايىتى زور زىلزىلە پەيدا قىلغان بۇ يازغۇچىنىڭ ئەسىرى ئەجەپ ئۇسسىغان يېرىمگە بارمىدى – يا››، دېگەن تەسىراتقا كېلىپ قالدىم. مېنىڭچە، بۇنىڭ ھېلىقىدەك بۇزۇپ تەرجىمە قىلىدىغانلار پەيدا قىلغان يامان ئاقىۋەت بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. مەلۇم بىر يازغۇچى ئۆز ۋەتىنى ياكى ئۆز تىل رايونىدا بىكاردىن بىكار، قۇرۇقتىن قۇرۇقلا داڭق چىقىرىپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ داڭق چىقىرىشىدا چوقۇم مەلۇم ئاساس بولىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەننى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرۈشىگە كەلسەك ، بۇنىڭدا بەزى مەدەنىيەت ئامىلى، سىياسىي ئامىللار پەيدا قىلغان قوبۇل قىلىش توسالغۇسىدىن باشقا، تەرجىمىدىكى چولتىلىقتىن ئىبارەت ئاساسلىق سەۋەبنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
    مەن ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكتە تەرجىمان ئەسلىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشى، كۆپرەك ئەھۋاللىشىپ تۇرۇشى كېرەك، دېگەن قاراشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇمۇ بىر ھېسابتا ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشتىكى بىر خىل ئەۋزەل شارائىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن مەندىن ئۇنى – بۇنى سوراپلا تۇرىدىغان تەرجىمانلاردىن خاتىرجەم بولسام، زادى ھېچنېمىنى سورىمايدىغان تەرجىمانلاردىن ‹‹ھەي، بۇزۇپ قويمىغىيتى›› دەپ ئەنسىرەپلا تۇرىمەن. ئەگەر بۇنداق تەرجىمانلار دانىشمەنلىك بابىدا ھەقىقەتەن كامالەت مەنزىلىگە يېتىپ بولغان بولسا، ئۇ باشقا بىر گەپ، ئەلۋەتتە.
    مېنىڭچە، تەرجىمە قىلغۇچى ئەسلىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى بىلەن كۆپرەك ئالاقىلەشكەن، مۇزاكىرىلەشكەن ھەم ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئەسلىي ئەسەردىكى بەزى باب، پاراگرافلارنى قوشۇۋەتسە، قىسقارتىۋەتسە بولىدۇ، لېكىن ئەسلىي ئەسەر ئاپتورىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ قىسقارتىۋەتسە، ھەتتا باشقىدىن يازىمەن دېسە قەتئىي بولمايدۇ. بۇ تەرجىمىدىكى ھەمكارلىق جەريانىدا تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدىغان كونا گەپلەر. بۇ يەردە كونا خاماننى سورۇپ ئولتۇرۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.
    قىسقىسى، تەرجىمە ئاسارەت ئىچىدە ئوينايدىغان ئۇسسۇل، چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان ئىجادىيەت. لېكىن، تالانت ئىگىلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ تۇرۇپمۇ يەنە يېڭىلىق يارىتالايدۇ. قابىلىيەتسىز، كالتە پەملەر چەكلەنگەن دائىرىدىلا تىمسىقلاپ يۈرگەچكە مەيلى يېزىقچىلىقتا، مەيلى تەرجىمىدە بولسۇن ‹‹ئاتام ئېيتقان بايىقى››دېگەندەك يەنىلا شۇ ئادەتتىكىچە ئەسەر، پۇچەك ئەسەرلەر بىلەن بەنت بولۇش چەمبىرىكىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.
    مەن مەلۇم بىر ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ ياپونىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە دائىر تەرجىمە ئەسىرىنى ئوقۇپ قالدىم. تەرجىمە قىلغۇچى ئۇشبۇ ئەسەرنى غەيۇرلارغا خاس يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى بىلەن شۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلىپتۇكى، ئۇنىڭدىن تەرجىمە پۇرىقى دېگەننى ئەسلا تاپقىلى بولمايتتى، بەك سۆيۈنۈپ كەتتىم. ئۇشبۇ تەرجىمە ئەسەر ماڭا ئەسلىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى تەرجىمان بولسا كېرەك، دېگەن تۇيغۇنى ئاتا قىلدى. مەن بەزى ئۇلۇغ تەرجىمىشۇناسلار تەرجىمە قىلغان چەت ئەل ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىمۇ ئوقۇدۇم، بۇ ئەسەرلەردە تەرجىمىشۇناسلارنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇ تەرجىمە ئەسەرلەر ماڭا گويا ئەسلىي ئەسەردەكلا بىلىنىپ كەتتى. خۇددى ئەسلىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدىم.
    مەن يۇقىرىقى ئاساسلارغا كۆرە، تەرجىمە پۇرىقى يوق تەرجىمە ئەڭ ياخشى تەرجىمە بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قالدىم.
    «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى