• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەڭ ياخشى دوختۇر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:08 11-01-2017
    تەھرىر : رەئىسە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھەممىزگە ئايان بولغىنىدەك، ئەجدادلار ئاغرىقلاردىن ھال سورىغاندا، ئۇلارغا كۆڭلىنى كەڭ تۇتۇپ، خۇشال ھەم خاتىرجەم ياشاش تەكلىپى بېرىدۇ، تېۋىپلارمۇ ئاغرىقلارنىڭ كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇپ، كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش ۋەزىپىسىنى تۇغقان ياكى يېقىن-يورۇقلىرىغا تاپشۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار، يېقىندا پىسخولوگلار تاماملىغان تەتقىقاتتىن مۇنداق نەتىجە چىقتى: « سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى دوختۇرنىڭ دورىسىدىنمۇ بەكرەك ئۈنۈملۈك».
    پىسخولوگلار ئالدى بىلەن بىر قسىم دىيابېت ئاغرىقىنىڭ تەڭ قۇراملىقلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا مۇڭدىشىشقا تەشكىللىدى، يەنە بىر توپ ئاغرىقنى دوختۇر بىلەنلا مۇئامىلە قىلدۇردى، ئاندىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى:« دوختۇرنىڭ داۋالىنىشىغىلا قاراپ قالغان ئاغرىقلارغا قارىغاندا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە كۆڭۈل قويۇپ ھال سورىشىغا ئېرىشكەن دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ قېنىدىكى قەنت مىقدارى ئوبدانلا تۆۋەنلىدى. بۇنىڭدىن شۇنىسى ئايانكى، ئەڭ ياخشى دوختۇر سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىدۇر».
    پىسخولوگلار يەنە مۇنداق دەپ قارىدى:« ئەگەر داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئاغرىقلار ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ تۇرسا، ئاغرىلارنىڭ ساقىيىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە پايدىسى بولىدۇ، چۈنكى دوستلىرى بىلەن بىللە بولۇش ئاغرىقلارغا ئىنتايىن پايدىلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى كېسەلنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈندەيدۇ. شۇنداق تەكلىپ بېرىشكە بولىدۇكى، بۇ خىل ھېچقانداق تەننەرخ كەتمەيدىغان داۋالاش ئۇسۇلى ئاغرىقلارنى داۋالاش مەسىلىسىدە مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ».

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى