• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئوبامانىڭ تارىخقا خاتىرىلىنىدىغان توققۇز ئىشى

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 18:45 10-01-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئامېرىكا-كۇبا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى «مۇز ئېرىدى». سۈرەتتە: ئوباما بىلەن كۇبا زۇڭتۇڭى رائۇل كاسترو بىلەن بىللە.
    شىنخۇا ئاگېنىتلىقى خەۋىرى: 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى باراك ئوبامانىڭ ۋەزىپە مۇددىتى رەسمىي ئاخىرلىشىدىغان كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتە. ئوبامانىڭ خوشلىشىش ۋاقتى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان پۇرسەتتە، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ئۇنىڭ سەككىز يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىنى ئەسلەپ ئۈتۈپ، ئوبامانىڭ كىشىلەر مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدىغان توققۇز ئىشىنى رەتلەپ چىققان.
    1. ئامېرىكا تارىخىدىكى ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان تۇنجى زۇڭتۇڭ
    ئەگەر تارىخشۇناسلار ئوباما توغرىسىدا بىرەر ئىشنى يېزىشقا توغرا كەلسە، يازىدىغىنى دەل قۇللۇق تۈزۈم بىكار قىلىنىپ 143 يىلدىن كېيىن، ئىللىنوئىس ئىشتاتىدىن كەلگەن بىر ياش پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان تۇنجى زۇڭتۇڭى بۇلۇپ قالدى.گەرچە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، ئامېرىكىدىكى ئىرقىي زىددىيەت، ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىكلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى قاتارلىق ۋەقەلەر ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈپ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىشى ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆزگىرىش يۈز بەردى.
    2. «چوڭ ھەم يىقىلماس»
    2011-يىلى ئىشلەنگەن «Too Big to Fail» (چوڭ ھەم يىقىلماس) ناملىق كىنو 2008-يىلى پارتلىغان يەر شارى ئىقتىسادى كىرىزىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن ھوقۇقدار شەخسنىڭ تەدبىرى ۋە ھەرىكىتى بايان قىلىنغان.
    2006-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى تەدرىجىي نامايان بولۇپ، ئارقىدىنلا پۇل-مۇئامىلە ئاپىتىنى پەيدا قىلىپ، پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىي كىرىزىسىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىرىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىلا ئىقتىسادنىڭ «ئەركىن چۈشكەن جىسىم»ى ھەمراھ بولغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ كۆلەملىك مالىيەنى قوزغىتىش سىياسىتىگە بولغان قارشى تۇرۇشقا قارىتا، ئوباما مالىيە چىقىمىنى 831 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېڭەيتكەن ھەمدە ئىقتىسادنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويغان.
    نۆۋەتتە ئوباما ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، گەرچە ئامېرىكا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن تېخى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئۇدا 75 ئاي ئاشقان.
    3. بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش
    ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، ئوباما ئاق سارايدا سۆز قىلىپ: «بۈگۈن كەچ، مەن ئامېرىكا خەلقى ۋە پۈتۈن دۇنياغا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىن لادىننى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىمەن»، دېدى.
    ئوباما ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش پەيتىدە، گەرچە بازا تەشكىلاتىنىڭ تارماقلىرى يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستان چېگراسى ئىچىدىكى رەھبەرلىك كۈچى ۋەيران قىلنغان.
    4. پارتىيە-گۇرۇھلار تالاش-تارتىشى كۈچەيدى
    «مېنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىمدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكۈنۈشۈم ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك ۋە ھەسەت ياخشىلانماي، ئەكسىچە بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى» دەيدۇ ئوباما ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۆلەت ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات نۇتۇقىدا. ئوباما زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان كۈندىن باشلاپ، پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى كۈچىنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا قەسەم قىلغان.
    ئوبامانىڭ گۈەنتاناما تۈرمىسىنى تاقاش ۋە قورال-ياراغ باشقۇرۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى پارتىيە-گۇرۇھلار ئارىسىدىكى كونا ئاداۋەتنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

    5. ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى
    20 نەچچە يىلدىن بېرى، ئامېرىكا ئىزچىل جازالاش ۋە مەخپىي ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن، بىراق ئوباماغا كەلگەندە، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىران يادرو مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك 6 دۆلەت ئىران بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىران يادرو قورالى ياساشنى توختىتىدىغان، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئىرانغا بولغان جازانى بىكار قىلىدىغان بولغان.
    بۇ كېلىشىم ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يادرو قوراللىرى مۇسابىقىسى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1979-يىلىدىكى ئىسلام ئىنقىلابىدىن بۇيانقى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن جىددىي مۇناسىۋەتنى پەسەيتكەن.

    6. سۇرىيە ۋەزىيىتى
    ئوباما ۋەزىپىدىن بوشىغاندىن كېيىنكى ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە، ئوبزورچىلارنىڭ تۆۋەندىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشى بېسىقماسلىقى مۇمكىن: ئوبامانىڭ سۇرىيەگە بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە ھەربىي ئارىلىشىشىنىڭ مۇۋاپىقلىقى ھەمدە ئۇنىڭ قارارىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئابرۇيىنى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياۋروپا مۇساپىرلار كىرىزىسىنى پەيدا قىلغانلىقى، بۇ ئارقىلىق رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ رايوندىكى تەسىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى قاتارلىقلار.
    سۇرىيە كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە يەنىلا كىرىزىستا تۇرۇشى مۇمكىن.

    7. كىلىمات ئۆزگىرىشى
    ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 8 يىل ئىچىدە، مۇھىتقا دائىر بىر قاتار قانۇن تۇرغۇزۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چەكلەپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەر ئېلان قىلىندى.
    مۇھىت ئاسراشنى ئامېرىكا سىياسىي تۈزۈمىدە يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن، ئوباما يەنە ئۆزى ئالياسكا مۇزلۇقىغا بېرىپ پىيادە ماڭدى، مىدۋېي ئارىلى (Midway Island)غا بېرىپ سۇغا شۇڭغۇدى ھەمدە پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

    8. ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى
    نەچچە ئون يىلدىن بېرى، دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئىزچىل ئامېرىكا خەلقىنى ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھەممىسى مەغلۇپ بولغان. گەرچە ئوبامامۇ بۇ جەھەتتە غەلىبىگە ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بۇندىن بۇرۇن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يوق نەچچە مىليون ئامېرىكا خەلقىنى پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن قىلدى.

    9. لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش
    2009-يىلى 4-ئايدا، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئاران 100 كۈندىن كېيىن، ئوباما ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋېز بىلەن كۆپ قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ھەمدە نىكاراگۇا زۇڭتۇڭى ئورتېگا بىلەن پىكىرلەشكەن.
    2016-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئوباما ھاۋاناغا يېتىپ بېرىپ، كۇبادا زىيارەتتە بولۇپ، 1928-يىلىدىن بۇيانقى كۇبادا زىيارەتتە بولغان تۇنجى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى. ئوبامانىڭ كۇبادا زىيارەتتە بولۇشى ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقى دەپ قارالدى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى