• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئورۇقلىغاندا گۈرۈچ ئېشىدىن پەرھىز تۇتماڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:55 10-01-2017
    تەھرىر : {ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    گۈرۈچ ئېشىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كاربون سۇ بىرىكمىسى بولغاچقا، ئورۇقلاۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر سەمرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ، گۈرۈچ ئېشىنىڭ ئورنى مېۋە-چېۋە يەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، بەدەن شەكلىنى ساقلاش ئۈچۈن كاربون سۇ بىرىكمىسىدىن پەرھىز تۇتۇش توغرا ئەمەس. يېمەك-ئىچمەك مۇتەخەسسىسلىرى كاربون سۇ بىرىكمىسىدىن پەرھىز تۇتۇش سالامەتلىككە زىيانلىق، دەپ قارايدۇ.

    كاربون سۇ بىرىكمىسى ئاساسلىقى قەنتتىن تەركىب تاپقان بىرىكمە ماددىلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. كاربون سۇ بىرىكمىسى ئادەم بەدىنىدە ناھايىتى تېز گىلوكوزىغا ئايلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان شېكىرى ئۆرلەپ ئادەم سەمرىدىغان بولغاچقا، بۇرۇنقى نۇقتىئىينەزەردە كاربون سۇ بىرىكمىسىنى قوبۇل قىلغاندا ئادەم ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ، دەپ قارىلاتتى. بىراق، گۈرۈچ ئېشىنىڭ تەركىبىدە يەنە قەنت تۈرىدىكىلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا ياردەم بېرىدىغان ۋىتامىن B1 بولۇپ، قەنت ۋە ۋىتامىندىن تەركىب تاپقان گرۈچ ئېشى ئورۇقلاشقا بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، پەقەت بەدەندە ۋىتامىن B1 كەمچىل بولغاندا، ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ، ئورۇقلاشقا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

    شۇڭا، مۇۋاپىق گۈرۈچ ئېشى يەپ بېرىش ئورۇقلاشقا ئەكس تەسىر پەيدا قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ساغلاملىققا پايدىلىق.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى