• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تۆت خىل يېمەكلىك ئارقىلىق ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:01 10-01-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تۈۋەندىكى تۆت خىل يېمەكلىك ئارقىلىق ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    1. كۆك چاي. كۆك چاي تەركىبىدىكى كاتېخىن ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باكتېرىيەنى ئۆلتۈرىدۇ. چاي دەملەپ ئىچىشتىن باشقا، چايناش ئارقىلىقمۇ ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

    2. خۇش پۇراقلىق ئۆسۈملۈكلەر. مايچېچەك، يالپۇز قاتارلىقلار تەركىبىدە مىكروب ئۆلتۈرگۈچى ماددا بار بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈپ، ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. خۇش پۇراقلىق چاي دەملەپ ئىچسە ئېغىز بوشلۇقىنى ئاسراپلا قالماي، خۇش پۇراق تەم يەنە سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ.

    3. كۆكتات. كۆكتات تەركىبىدىكى خلوروفىلنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈپ، سېسىق پۇراقنى تۈگىتىش رولى بار. سارغۇچ يېشىل رەڭلىك كۆكتاتنىڭ تەركىبىدە خىلوروفىل ناھايىتى مول بولۇپ، يېڭى كۆكتاتنى سىقىپ شىرنىسىنى ئىچكەندە خلوروفىلنى تولۇق قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.

    4. چۈچۈمەل تەملىك مېۋە. چۈچۈمەل يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى لىمون كىسلاتاسىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ۋە شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى بار. مەسىلەن: ئېغىز پۇرىغاندا بىر تال قارىئۆرۈك قېقى ياكى ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋە، ئالما قاتارلىقلارنى يېيىش ئارقىلىق ئېغىز پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
    «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىندى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى