• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بۇنداق تورتلارنى يېيىشكە كۆزىڭىز قىيامدۇ؟

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 10:53 10-01-2017
    تەھرىر : رەئىسە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ھەر خىل ئۇسلۇبتا ياسالغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىجادىي تەپەككۈرگە تولغان چىرايلىق تورتلارنى كۆرۈپ يىيىشكە كۆزىڭىز قىيمايدۇ، ئەلۋەتتە. تۆۋەندىكى كىشىنى جەلپ قىلدىغان تورتلار خۇددىي تىزىپ قويىدىغان نەپىس سەنئەت بويۇملىرىدەكلا ياسىغان.

    تورت ئۇستىلىرىنى سەنئەتكار دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇلارتەسەۋۋۇرغا باي بولۇپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تورتلارنى ياساپ چىققان. تۆۋەندىكى تورتلارنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

    بەدىئىي تۇيغۇغا ئىگە چىرايلىق ياسالغان تورت، سىزگە چۆچەكلەردىكى ئورمانلىقلارنى ئەسلەتتىغۇ، دەيمەن.

    تورتنى خۇددىي سەنئەت بۇيۇملىرىدەك ياسىغان بولۇپ، سىزگە باھار پەسلىدىكى چېچەكلەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى نامايەن قېلىپ بەرگەن.

    بۇ تەشتەكتىكى تورت قارىماققا خۇددىي راستتەكلا،ھە.

    دەرەخ قوزىقى شەكلىدە ياسالغان تورتنىڭ ھەقىقىي تورت ئىكەنلىكىگە سەل ئىشەنمەيۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

    گۈللەر بىلەن بېزەلگەن ھەشەمەتلىك تورتنى تەسەۋۋۇرغا باي بولمىسا ياسىيالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

    تورت ئىچىدە ھەقىقىي خرۇستالنى كۆرگەندەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟

    نەپىس ياسالغان تورت نېمىدىگەن ئۆزگىچە،ھە!

    چوڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىكى بۇ تورتنى كۆرۈپ چوققۇم خۇشال بولۇپ كەتتىغۇ، دەيمەن.

    ماي بوياقتا ئەمەس بەلكى قايماقلار بىلەن چىرايلىق قىش مەنزىرسىنى سىزىپ چىققان بولۇپ، كىشىگە ئىستىتىك زوق بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.

    بۇ تورتقا قاراپ چوققۇم دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ قالغاندەك، ھېس قىلدىڭىزغۇ، دەيمەن.

    رەڭدارلىققا تولغان تورتلار ھەقىقەتەن كىشنى ئاسانلا ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم جەلپ قىلىدۇ.

    يېڭىچە بېزەلگەن تورت نېمىدىگەن ئۆزگىچە

    قەغەز ئىستاكاندىكى ئىجادىيلىققا تولغان تورتنى كۆرۈپ نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟

    بۇ ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى ئىجادىي تورتلارنى كۆرۈپ سىزنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشلۇرىڭىزدە، خاتىرە كۈنلىرىڭىزدە مۇشۇ خىلدىكى تورتلارنى يىگۈڭىز كېلىۋاتامدۇ؟

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى