• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    زىيادە كۆيۈنۈش ماھىيەتتە زىيانكەشلىكتۇر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:49 10-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغانىدىم: بىر يىلى كۈزدە بىر توپ ئاققۇ بىر كىچىك ئارالغا كەپتۇ، ئۇلار شىمالدىن ئۇچۇپ كېلىپ، قىشنى جەنۇبتا ئۆتكۈزمەكچىكەن.
    ئارالدا بېلىقچى ئەر– ئايال تۇرىدىكەن، ئۇلار جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن كەلگەن بۇ ‹‹مېھمان››لارنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ، توخۇ يېمى ۋە تۇتۇپ كەلگەن بېلىجانلار بىلەن ئاققۇلارنى بېقىپتۇ. قىش پەسلىمۇ كەپتۇ، لېكىن ئاققۇلار جەنۇبقا كەتمەپتۇ, كۆل يۈزىدە مۇز تۇتۇپتۇ، ئاققۇلار ئوزۇق– تۈلۈك تۇتۇپ يېيەلمەپتۇ، بېلىقچى ئەر– ئايال كەپىسىنى ئېچىپ ئاق قۇلارنى ئىسسىندۇرۇپتۇ ھەمدە ئۇلارغا ئوزۇقلۇق بېرىپتۇ، بۇنى تاكى كېيىنكى يىلى باھار كېلىپ كۆلدىكى مۇز ئېرىگۈچە داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
    كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، ھەر يىلى قىشتا بېلىقچى ئەر– ئايال ئاققۇلارغا ئۆزىنىڭ مېھىر– مۇھەببىتىنى بېغىشلاپ كەپتۇ. ئاخىر بىر كۈنى ئۇلار ياشىنىپ قالغانلىقتىن كىچىك ئارالدىن كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاققۇلارمۇ يوقاپ كېتىپتۇ. ئۇلار جەنۇب تەرەپكە ئۇچۇپ كەتمەستىن، بەلكى كېيىنكى يىلى كۆل مۇز تۇتقاندا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قاپتۇ.
    ھېكايىدە بېلىقچى ئەر– ئايال خۇددى ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى سۆيگەندەك ئاققۇلارغا باشپاناھ بولغان، يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تالاي يىللار داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ مېھىر– مۇھەببىتىنى ئۈزلۈكسىز بېغىشلاپ كەلگەن، كىشىلەر بۇ ئەر– ئايالنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىنى تەرىپلەپ، ئاققۇلارنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلىشقان. ھالبۇكى ئاق قۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى بىزگە يەنە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بېلىقچى ئەر– ئايالنىڭ چېكىدىن ئاشقان مۇھەببىتى ئاققۇلارنى غەمسىز، خاتىرجەم تۇرمۇش مۇھىتىغا كۆندۈرۈپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئاققۇلار ھۇرۇنلۇقنى يېتىلدۈرۈپ، ياشاش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ، مۇھىتقا ماسلىشالماي، ئاخىرىدا ئۆزگەرگەن مۇھىت تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلگەن!
    رېئال تۇرمۇشتا قانچىلىغان ئاتا– ئانا بىر ئۆمۈر پەرزەتلىرىنى خاتىرجەم، راھەت ماكانغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ياشايدۇ– ھە! بالىلىرى كىچىك چاغدا ئالقىنىدا كۆتۈرۈپ، بوينىغا مىندۈرۈپ ئەتىۋارلايدۇ، بالىلىرى ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاينى ئېلىپ بېرىشكىمۇ تەييار تۇرىدۇ، بالىلىرىنى ئۆينىڭ ئىشىغىمۇ سالمايدۇ، بالىلىرىنىڭ ئازراقمۇ جاپا تارتىشىنى خالىمايدۇ. بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ياخشى خىزمەت تېپىپ بېرىش، ئۇلارغا كۆپرەك مىراس قالدۇرۇشنىڭ غېمىنى قىلىدۇ، ئۆزلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتسىمۇ رازى بولىدۇ...
    بۇ دەل ‹‹بېلىقچى ئەر– ئايال›› تىپىدىكى ئاتا– ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ، شەخسىيەتسىز مۇھەببىتى! ئەمما، ئاققۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ باقساق بىز يەنە بۇ خىل مۇھەببەتكە ئېھتىرام بىلدۈرەمدۇق؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل راھەت، خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈشنى كۆزلىگەن مۇھەببەت دەل كىشىلىك ھاياتتىكى بىر توزاق، بۇ توزاققا چۈشكەن كىشىلەر تايىنىۋېلىش ۋە ھۇرۇنلۇقتىن باشقا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەگەر تۇرمۇشنىڭ دوقاللىرىغا دۇچ كەلسە، ئاقىۋىتى يۇقىرىقى ھېكايىدىكى ئاققۇلاردىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.
    ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەم مۇھەببەت، كۆيۈنۈشكە موھتاج، لېكىن بۇ خىل مۇھەببەت قارىغۇلارچە كۆيۈنۈشكە ئايلىنىپ قالسا، مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
    «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى