• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاق چاچنى بوياش خەتەرلىك !

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:02 10-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ياشانغانلارنىڭ كۆپى قىزغىنلىق بىلەن ئاق چاچنى بوياپ قارا قىلىدۇ.
    نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، داۋاملىق چېچىنى بوياپ تۇرىدىغان كىشىلەردە سۈت بېزى راكى، تېرە راكى، ئاق قان كېسىلى، دوۋساق راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
    بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ياشلارغا قارىغاندا ئىممۇنېتىت كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، چاچ بويىغاندىن كېيىن ئاسانلا زەھەرلىنىش ئىنكاسى بولۇپ ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، ھەتتا راك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.
    ياشلار چاچلىرىنى رەڭلىك قىلىپ بويىشىدۇ. مۇنداق بوياشنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر ئاز، رەڭلىك قىلىپ بويىغاندا كۆپىنچە تاللاپ بويايدۇ. بۇنداق بوياشنىڭ چاچنىڭ يىلتىز قىسمى بىلەن ئۇچرىشىشى، باش تېرىسى بىلەن بىرلىشىشى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن. بىراق ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ئاق چاچ كۆپ، دائىرىسى كەڭرەك بولغاچقا ئەلۋەتتە ھەممىسىنى قارا رەڭدە بوياشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا باش تېرىسى ھەريىلى چاچ بويىقىنى تەكرار قوبۇل قىلىۋەرسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدىلا ئۆزىنىڭ بەدەن سۈپىتى ئاساسى بىر قەدەر ئاجىز، مېتابولىزم بولۇشى بىر قەدەر ئاستا بولغاچقا، ئاسانلا زەھەرلىنىپ قېلىشنى، ھەتتاكى راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
    «ھاياتلىق ژۇرنىلى»دىن ئېلىندى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى