• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۈمىد دەرىخىمىز سولىشىپ قالمىسۇن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:59 10-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كىشىلىك ھاياتتا بىز ھەمىشە كىشىلەرنى ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەپ تۇرىمىز، لېكىن قىسمەتلەرگە تولغان بۇ ھاياتتا ئويلىمىغان ئوڭۇشسىزلىق، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر تۈپەيلى ئۇمىدسىزلەنمەي ياشايمەن دېيەلمەيمىز. ھايات دوقاللىرىدا بىردەم كۈلسەك، بىردەم يىغلايمىز. ئەنە شۇنداق ۋاقىتتا بىز ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن ‹‹بۇ ئىشلارنىڭ بولۇشىنى ئەزەلدىن ئويلىمىغان ھەم ئۈمىد قىلمىغانىدىم، ئەپسۇس، مەن ئويلىمغان ئىشلار يۈز بەردى، ئەمدى گەپ مېنىڭ ئەتىگە قانداق قارىشىمدا›› دېگەن توغرا قاراش بىلەن كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن باقساقلا ئوڭۇشسىزلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىمىز.
    ئەمەلىيەتتە ئۇمىدۋارلىق بىزنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان بىر خىل پوزىتسىيەمىز بولۇپ، پىسخولوگلارنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدىكەن. ئۇمىدۋار پوزىتىسىيە كىشىلەرنىڭ پىسخىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، قىلغان ئىشلىرىدىن نەتىجە قازىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپلا قالماستىن، ساغلاملىقىمىزنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.
    يېقىندا بىر تونۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇنىڭ قاچانلا قارىسا خۇشال– خۇرام يۈرىدىغان جۇشقۇن كەيپىياتى، ئانچىكىم ئىشلارغا چېچىلىپ تېرىكمەيدىغان ئوڭلۇقلۇقى ماڭا قايتىدىن تەسىر قىلدى. يېقىندا ئۇ بىر دوختۇرغا كۆرۈنۈپتۇ. دوختۇر ئۇنىڭغا سىلىق– سىپايىلىق بىلەن:
    سىز تېخى ياش ئىكەنسىز، لېكىن ھازىر ياشلاردىمۇ يۈرەك كېسەللىكلىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ، دەپ گەپنى چىرايلىق باشلاپتۇ. ئۇ تونۇشۇم دوختۇرغا:
    دوختۇر گەپ بولسا دەۋېرىڭ، مېنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلىم بار، بۇنى بىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا كېسەللىرىمنىمۇ بىلىمەن، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئازابلىمايمەن، چۈنكى ئويلىغانغا ساقىيىپ قالمايمەن، شۇڭا مەن مۇشۇنداق خۇشال– خۇراملىق بىلەن كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزۈشنى تاللىغان، دەپتۇ.
    دوختۇر ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەممە ئاغرىقلاردا سىزدىكى ئۈمىدۋارلىقنىڭ يېرىمى بولغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولغان بولاتتى ھە؟ دەپ ئۇنىڭ بۇ خىل ئۈمىدۋار روھىنى ماختاپ كېتىپتۇ.
    مەن ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايىدىن، تېتىك روھىي ھالىتىدىن تۇرمۇشقا، ھاياتقا تۇتقان ئۈمىدۋار پوزىتسىيەسىنىڭ ھەقىقەتەن بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە جۈملىدىن ھاياتىمىزغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
    تۇرمۇشتا بىز ئويلىمىغان بەزى ئىشلار بىزنى ئۈمىدسىزلىك چۆلىگە باشلايدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە بىللە ئۈمىد بېغىشلايدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس. دېھقاننى مىسالغا ئالساق، دېھقان يىل بېشىدا ئۈمىد ئۇرۇقلىرىنى يەرگە چېچىپ، ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئۈمىدىدە كېچە– كۈندۈز تەر تۆكۈپ ئىشلەيدۇ. ئەتراپىمىزدا يەنە جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ بولسىمۇ، ساغلام روھ بىلەن تۇرمۇش قايناملىرىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ياشلىرىمىز بار. يەنە شۇنداق كىشىلىرىمىز باركى، ئۇلار گۈزەل ئارزۇلارنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى يېڭىپ تىرىشپ ئىشلەيدۇ. ھەر بىر قەدەمدە يولۇققان ئوڭۇشسىزلىقلارنى پەقەت نىشانغا يېتىش يولىدىكى بىر جەريان، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى تەجرىبە، دەپ قارايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئاددىي– ساددا، تېجەشلىك ئىچىدە ئۆتسىمۇ زارلانمايدۇ. ئادىيلىق ئىچىدىن بەخت، خۇشاللىق تاپالايدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، ئۈمىدۋارلىق سولدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدىغان باراقسان دەرەخ، ئۈمىد دەرىخىمىز سولاشقان جايدا تىرىشچانلىق بىزدىن يىراقلىشىدۇ. تىرىشچانلىق بولمايدىكەن بۈگۈنىمىز بىلەن ئەتىمىزنىڭ پەرقى بولمايدۇ. تۇرمۇشىمىزدا مەنە بولمايدۇ. دېمەك، ئۈمىد بىزنىڭ روھىي ئوزۇقىمىز سۈپىتىدە قاغجىرىغان قەلبىمىزگە، مەنىۋىيىتىمىزگە مەلھەم، دەردىمىزگە دەرمان بولالايدۇ.
    ئۈمىد ساغلام پىكىرلىك، تىرىشچان، ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى گۈزەل ئارزۇلىرىغا، بۈيۈك نىشانلىرىغا يېتىشىدىكى ئالتۇن شوتا. ئۇ بولغاچقىلا بىز قەدەممۇقەدەم ئىلىم– پەننىڭ يۈكسەك چوققىلىرىغا چىقالايمىز. ئۇ بولغاچقىلا بىزنىڭ مەنىۋى دۇنيايىمىز پاك ھەم ساپ بولۇپ، ھاياتقا كۈلۈپ باقالايمىز. ئۇ بولغاچقىلا مەنىۋىيىتىمىزدىكى چۈشكۈنلۈك، قورقۇنچاقلىق، نادانلىقنىڭ يىلتىزى كۆيدۈرۈلۈپ قەلب ئېتىزلىرىمىزدا قەيسەرلىك، باتۇرلۇق، بۈيۈكلۈك ئۇرۇقلىرى بىخ ئۇرۇشقا باشلايدۇ.
    ئۈمىد ھاياتلىق سەپىرىمىزدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ، گۈزەل تىلەكلىرىمىزنىڭ شاھىتى. ئۇ قەلب بوستانىمىزدا ئۆزگىچە پۇراقلىق، رەڭدار گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇشىمىزدىكى مەنىۋى ئوزۇق. ھاياتلىقتىكى تۈرلۈك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشىمىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. شۇنداق، قۇياش ھامان شۇنداق گۈزەل تىلەكلەر، ئۇمىدكە تولغان يۈرەكلەر بار جايدىن كۆتۈرۈلىدۇ. شۇڭا ئېسىمىزدە بولسۇنكى، پەقەت ئۈمىد چىرىغى نۇر چېچىپ تۇرسا، ئۈمىد دەرىخىمىز سۇلاشمىسا، سىز ھەم بىزنىڭ ھاياتىمىز ھەقىقىي چىن مەنىلەرگە تويۇنىدۇ. قېنى ھايات يولىمىزدا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز توغرا تونۇيلى، يىلنىڭ بېشىدىن باشلانغان كۈنلىرىمىز يېڭىچە ئۈمىد، يېڭىچە مەنىلەرگە تولسۇن!
    «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى