• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بالىڭىزنى ئالدىن دەرس ئۆتۈش سىنىپلىرىغا بېرىشتە مودا قوغلاشماڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:24 10-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھەممىمىزگە مەلۇم، رىقابەت ئېڭى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كەسىپ، ساھەلەر ئۆزئارا رىقابەتلىشىپ، سۈرئەت قوغلىشىپ ئۆتمەكتە، مائارىپ ساھەسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
    ھازىر ئالدىن دەرس تولۇقلاش ئائىلە باشلىقلىرى ئىنتىلىدىغان، قوغلىشىدىغان مودا ئېقىمغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹باشقىلارنىڭ بالىلىرى قاتناشقان ئىكەن، مېنىڭ بالاممۇ چوقۇم قاتنىشىشى كېرەك›› دەيدىغان سېلىشتۇرۇش پىسخىكىسى ئالدىن دەرس ئۆتىدىغان ھالقىما تەربىيەدە تەبىئىي ھالدا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ.
    قارايدىغان بولساق، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش بىر قەدەر ئېغىر. سەۋەب، زىممىسىدىكى مۇرەككەپ ھەم ئېغىر بولغان ئۆگىنىش ۋەزىپىسى، بىر قىسىم ئۆلۈك بولغان مەكتەپ تۈزۈلمىلىرى بولۇشى مۇمكىن ... دەرس ئاڭلاش، دەرستىن كېيىنكى تاپشۇرۇقلارنىڭ قايتا– قايتا تەكرارلىنىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپچانلىقىنى سۇسلاشتۇرغان. ئاتالمىش ئالدىن دەرس ئۆتۈش سىنىپلىرى بالىلارنىڭ تەتىل ۋاقىتلىرىنى ئىگىلەپ، كېلەر مەۋسۇمدە ئۆگىنىلىدىغان دەرس مەزمۇنلىرىنى قوپال ھەم ئاددىيلا قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزدى. بىراق، بۇ بىلىملەر ئوقۇغۇچىلارغا شۇ مەۋسۇمدە قايتا ئۆتۈلگەندە، ئوقۇغۇچىلار بىزار بولۇشقا باشلايدۇ– دە، چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشنى خالىمايدۇ. مۇنداق بولغاندا ئالدىن ئۆگىنىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
    تەتىل مەزگىلى بالىلارنىڭ تۇرمۇش، تەن ساغلاملىقى ۋە پىسخىكىسىنى تەڭشەيدىغان، چارچىغان مېڭىسىنى ئارام ئالدۇرىدىغان پۇرسەت ئىدى. بىراق، ئائىلە باشلىقلىرى ئۇلارنى ئالدىن دەرس ئۆتۈش كۇرسلىرىغا تىزىملىتىپ، ئەھمىيەتلىك ئۆتۈشكە تېگىشلىك تەتىلنى ئىگىلىۋالغان. بالىلار مەكتەپتىن ئايرىلىپ تۈرلۈك تەكرارلاش، تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، زېھنىنى خورىتىش بىلەن بىللە، ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى كۈچەيگەن. ئاخىرىدا ئېرىشكىنى سەلبىي تەسىر بولغان.
    باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغا چىقىدىغانلارغا تولۇقسىز 1– يىللىقنىڭ، 1 – يىللىقتا ئوقۇيدىغانلارغا 2– يىللىقنىڭ، 2– يىللىقتا ئوقۇيدىغانلارغا 3– يىللىقنىڭ دەرسىنى ئالدىن ئۆتۈشتەك تەكرارلىنىشلار ئائىلە باشلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى يامان خاراكتېرلىك چەمبەر ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويدى.
    ھاياتلىق بىر ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى. ئۆگىنىش بولسا ئەسلەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانى. ئون نەچچە يىل ئېلىپ بېرىلغان ئاساسىي مائارىپ بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئىسلاھاتىدا يېڭى ئۇسۇل يىلمۇ- يىل قوللىنىلغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىدى، قىسمەن جايلاردىكى بالىلارنىڭ بىسىمى ئەكسىچە تېخىمۇ ئېشىپ كەتتى. بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئاتا– ئانىلاردا، چۈنكى ئاتا– ئانىلار بىر تەرەپتىن مائارىپتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشنى، بالىلارغا دەرس تولۇقلىماسلىقنى، بالىلارنىڭ ئوقۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئۈمىد قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلاھات ئېلىپ بارسا ئىختىساسلىقلارنى تاللاش تۈزۈلمىسىدە زىيان تارتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. ‹‹بالىلىرىمىز باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇتتۇرۇپ قويمىسۇن›› دېگەن شوئار ئېلىمىزدىكى بالىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئالدىن دەرس ئۆتۈش ‹‹ياخشى›› ئىشمۇ ياكى ‹‹ناچار››ئىشمۇ؟ ئاتا– ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇنداق ئويلايدۇ: ئالدىن دەرس ئۆتۈلسە ‹‹بېسىم ئاشىدۇ›› بالىلىرىمىز جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچرىسا ئۇلارغا ئىچىمىز ئاغرىيدۇ؛ ئالدىن دەرس ئۆتۈلمىسە بالىلىرىمىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمىز. بۇنداق ئىككىلىنىش ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە مۇنداق ھالەتنى شەكىللەندۈردى؛ بىر توپ ئاتا– ئانا بىر تەرەپتىن ئىمتىھان مائارىپىغا قارشى تۇرۇپ، بېسىمنى يېنىكلىتىشنى مۇراجىئەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپنىڭ بالىلارنى چىڭ تۇتمايدىغانلىقى، دەرس ئوقۇتۇشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بالىلىرىنى ئالدىن دەرس ئۆتۈش سىنىپلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى ئۆستۈرمەكچى بولىدۇ.
    بالىلارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتمەكچى بولغان مائارىپ ئىسلاھاتى پۇختا بولغان، پەيدىنپەي ئىلگىرىلەيدىغان ئىسلاھاتقا ۋە قەتئىي تەۋرەنمەس نىشانغا موھتاج. لېكىن، ئاتا– ئانىلارنىڭ ھازىرقى ئەنسىرىشىنى يوقىتىش، ئالدىن دەرس ئۆتۈش تەلىپىنى ئازايتىشتا ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ئاساسىي مائارىپتا قىسمەن پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش؛ مائارىپ مەنبەسىنىڭ تەكشى بولماسلىق ئەھۋالىنى تۈزىتىش، مائارىپ سېلىنمىسىنى مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە تېخىمۇ ياخشى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇشقا سەرپ قىلىش قاتارلىقلار.
    قىسقىسى، مائارىپ ئادىللىقى بولغاندا ۋە تاللاش كۆپ خىللاشقاندىلا بالىلار خۇشال ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ، ئاتا– ئانىلارمۇ خاتىرجەم بولىدۇ.
    «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى