• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئادەم ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:38 10-01-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ پەن-تېىنىكا گىزىتى خەۋىرى: ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى كىشىلەرنىڭ ياغلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئىستىكىنى قوزغايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ، ئاسانلا سەمرىپ كېتىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ 11 تۈرلۈك تەتقىقاتقا چېتىشلىق 170 تىن ئارتۇق پىدائىينىڭ تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى 3.5 ـ 5.5 سائەت بولغان پىدائىيلار قوبۇل قىلغان كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېنېرگىيە مىقدارى ئۇخلاش ۋاقتى 7 ـ 12 سائەت بولغان پىدائىيلار قوبۇل قىلغان كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېنېرگىيە مىقدارىدىن 385 كىلوكالورىيە ئارتۇق بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ، ياغلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق بولۇپ كېتىدىكەن. نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟
    ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيقۇ يېتەرسىزلىكى ئادەم مېڭىسىدىكى يېمەك- ئىچمەككە تەسىر كۆرسىتىدىغان رايوننى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم تېنىدىكى بىيولوگىيەلىك سائەت قالايمىقانلاشقاندىن كېيىن، بەدەندىكى بەزى ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى