• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەركە توي مۇراسىم شىركىتى ھەمكارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

    مەنبە : karwan.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 18:52 09-01-2017
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شادىيانە توي مۇلازىمەت بىرلەشمىسىنى قوزغىتىش، نەق مەيدان پائالىيىتى 2017- يىلى 2-يانۋار دۆڭكۆۋرۈك شادىيانە رېستورانىدا غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

    پائالىيەتكە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش تالانىتلىق رىياسەتچىمىز ئۈمۈد تۇرسۇن رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ھەر ساھەدىكى دوسلار ،كەسىپداشلار شۇنداقلا تاراتقۇ ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

    بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئەركە توي-مۇلازىمەت مەركىزى،مىلودىيە توي –فىلىم ئىشلەش مەركىزى ئەلچىن تاتلىق-تۈرۈملىرى، رېزىق قەھۋاخانىسى توي كۆڭلەك شەھەرچىسى قاتارلىق بىر قانچە دىيارىمىزدىكى توي-مۇلازىمەت ۋە تاتلىق –تۈرۈم ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىلار ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ ،بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئۇنتۇلماس مىنۈتلار بولغان تويلىرىمىزغا ئۆزگىچە خۇشاللىق ۋە يېڭىچە تۈس بېغىشلايدىغان ،توينىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ تاكى مەرىكە زالىنى بېزەش ،توي ئۈستەللىرىگە تاتلىق-تۈرۈملەرنى تېزىش ،توي فىلىمى ئىشلەشكىچە بولغان ھەر بىر جەريانلار ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇكەممەل بىر توي مۇلازىمىتىنى نامايەن قىلىپ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ياقتۇرىشى ۋە يۇقرى باھاسىغا ئېرىشتى.

    پائالىيەتتە يەنە ھەر-قايسى شېركەتلەرنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق قاتناشقۇچىلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان ۋە كەسىپ دائىرىسىنى تۇنۇشتۇرىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىلدى، پائالىيەت ئارىسىدا تۈركىيەلىك ناخشىچى جان قاتارلىقلارنىڭ ناخشىلىرى پائالىيەتنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى.

    بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزىلىدىغان زالنى ئەركە توي مۇلازىمەت مەركىزى بېزىگەن بولۇپ كۆركەم ۋە يېقىشلىق قىلىپ بىزەلگەن زال كىشىگە ھوزۇر ۋە ئازادىلىك بېغىشلايدۇ،مەيلى سۈننەت توي ياكى قىز –يېگىتلەرنىڭ رومەنتىك مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان چوڭ تويلار بولسۇن ،ئەركە توي-مۇلازىمەت مەركىزى ھەر –بىر خېرىدارنىڭ تەلىپى ۋە قىززىقىش ئالاھىدىلىكىگە ماس قىلىپ لاھىيەلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ توي ئېگىلىرىنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.

    توي ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ شاتلىنىدىغان ھەم ئەڭ ھاياجانلىنىدىغان ،بەخىت ئىلكىدە ئەللەيلىنىدىغان ۋاقىت،ئەلۋەتتە ھەر بىرىمىز ھاياتىمىزدىكى موشۇنداق گۈزەل مىنۇتلارنى ئەڭ بەدىئىي ۋە ئەڭ سەنئەتلىك ئۇسۇلدا خاتىرە قالدۇرۇشنى ئويلايمىز،خېرىدارلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارزۇسىنى تولۇق ئويلاشقان مېلودىيە توي فىلىم ئىشلەش مەركىزى ھەر-بىر خېرىدارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسىدا خاتىرە فىلىم شەكلىدە ئىشلىگەن توي فىلىملىرى قىز يىگىتلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارزۇسى ۋە كۈچلۈك تەلىپىگە ئەڭ لايىق ۋە مۇۋاپىق تاللاش بولالايدۇ.

    ئۇيغۇر داستىخانلىرى ئەزەلدىن مول نىمەتلىك ۋە رەڭدار بولۇپ كەلگەن ،توي –تۈكۈن ۋە ھەرخىل مۇراسىم داستىخانلىرىمىز تېخىمۇ شۇنداق ،ئۆزگىچە تەم ھەرخىل تۈرلىرى بىلەن داستىخىنىمىزغا ھۆسۈن قوشۇپ كېلىۋاتقان ئەلچىن تەتلىقلىرى سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ تاتلىق-تۈرۈم ۋە ھەرخىل تورىتلارغا بولغان ئىھتىياجىمىزنى تۇلۇق قاندۇرغىسى.

    ئاخىرىدا بۇ شېركەتلەرنىڭ بۇنۇڭدىن كېيىنكى سودىسىغا بەرىكەت ،ئىشلىرىغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمىز.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى