• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    « بىر كېچىلىك ھېسسىيات» ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىر ئاپەت رايونى

    مەنبە : www.yarp.net.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 19:03 09-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىمۇ ماس ھالدا ئېشىپ باردى. ھالبۇكى، ئالاقە تورى، قاۋاقخانا قاتارلىق سورۇنلاردا ئاتالمىش «بىر كېچىلىك ھېسسىيات»تىن ساقلانغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى، ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىككى ئادەم «ياتاق»قا قاراپ يول ئالدى، ئەپسۇس، ئاشۇ كىشىلەر بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىشىپ قويمىدى.

    «بىر كېچىلىك ھېسسىيات» ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىشتىكى «غۇۋا رايون» بولۇپ قالدى. ئەيدىزدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەسلىھەت سورايدىغان بىر قىسىم ئامبۇلاتورىيەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بېرى «بىر كېچىلىك ھېسسىيات» قاتارلىق قىلمىشلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلارمۇ مەسلىھەت سوراش ئامبۇلاتورىيەلىرىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان. دوختۇرلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قاۋاقخانا، ئالاقە تورى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى «كۆۋرۈك» «بىر كېچىلىك ھېسسىيات»نىڭ ئارقىسىغا كىرىش ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىشتىكى يېڭى «غۇۋا رايون» بولۇپ قېلىپ، ئەيدىزدىن «ساقلىنىمەن دەپمۇ ساقلىنالماسلىق»تەك ئەھۋال پەيدا قىلىشى مۇمكىنكەن.

    جىنسىي ئالاقە سەۋەبىدىن ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغانلار %80 تىن ئاشىدۇ

    مەلۇم شەھەردىكى ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ بۇ يىل ئېلان قىلغان ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەلۇم شەھەردىكى ئەيدىز كېسەللىكى مىسالىدا جىنسىي ئالاقىدىن ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ سانى %83.4 نى ئىگىلىگەن، يىللاردىن بۇيان بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە شۇ جاي نوپۇسىدىكى كىشىلەر %22.5 نى، سىرتتىن كەلگەن كۆچمە نوپۇسلار %77.5 ئىگىلىگەن.

    ھالبۇكى، 2010-يىلى مەلۇم شەھەردىكى كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزى ئېلان قىلغان يۇقۇم ئەھۋالى سانلىق-مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جىنسىي ئالاقىدىن ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ %75.1 نى ئىگىلىگەن، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش قاتارلىق يوللار بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن، ئەكسىچە جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تەدرىجىي ئۆرلىگەن. «بۇ يىلدىن بېرى، ئامبۇلاتورىيەدە ئاساسەن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان يېڭى چىرايلارنى كۆرگىلى بولىدۇ»دېدى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى بىر دوختۇر.

    مۇخبىرنىڭ مەلۇم شەھەردىكى كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندىن بېرى كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش تارماقلىرى جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇملىنىشنى توسۇشنى ئاساس قىلغان ھەرىكەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى رايونلار ئۆزىگە قاراشلىق جايلارنىڭ ئىچىدىكى جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان خادىملارنى نۇقتىلىق تازىلاش ئوبيېكتى قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتى قانات يايدۇرغان، تەشۋىقات ماتېرىيالى ۋە گاندون تارقىتىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەچچىۋازلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن.

    «بەچچىۋازلار»نىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئاشماقتا

    يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ئۈزۈكسىز ئۆلچەپ تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، مەلۇم شەھەردىكى بەچچىۋازلار توپىنىڭ (قىسقارتىلىپ MSM توپى دەپ ئاتىلىدۇ) ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بەچچىۋازلار توپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۇ توپ ئارىسىدا يامراپ كېتىشىنى توسۇش بارغانسېرى تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالغان.

    2011-يىلى، مەلۇم شەھەر بەچچىۋازلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەت سورۇنىدا نەق مەيدان تەشۋىقات نۇقتىسى تەسىس قىلغان، مەزكۇر توپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەكشۈرتۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن، گاندون ۋە تەشۋىقات قوللانمىسى قاتارلىقلارنى ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا باشقۇرغان بەچچىۋازلار 397 ئادەم قېتىمغا يەتكەن، جەمئىي 12 مىڭ 900 دانە گاندون تارقىتىپ بەرگەن، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ماتېرىيالىدىن 3900 پارچىدىن كۆپرەك تارقىتىپ بەرگەن.

    گاندوننى توغرا ئىشلەتكەندە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    گەرچە كېسەللىكلەرنىڭ تىزگىنلەش تارماقلىرى ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش تەشۋىقات سالمىقىنى ئىزچىل كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئىشنىڭ ئەكسىچە گاندون قاتارلىق مۇداپىيەلىنىش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشكە كۆنەلمىگەن. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ناتوغرا جىنسىي ئالاقىدىن ئۆزىنى چەكلەش، مۇبادا ناتوغرا جىنسىي ئالاقە بولۇپ يۈز بېرىپ قالسا چوقۇم مۇداپىيەلىنىشكە دىققەت قىلىش، گاندوننى توغرا ئىشلىتىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

    «بىر كېچىلىك ھېسسىيات»نىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كەتكۈچىلەر« پەقەت ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلسىلا ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ ياكى پۇل بولسىلا داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەل يوق» دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئېغىر خاتالاشقان بولىسىز. كېسەل ھەمىشە سىز دىققەت قىلمىغان پەيتتە يۇقۇيدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ كېسىلىنى تۇيغان ۋاقتىڭىزدا تولىمۇ كېچىككەن بولىسىز. شۇڭا، ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش بىلىملىرىنى كۆپرەك چۈشىنىپ، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ قويسىڭىز زىيىنى يوق.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى