• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    پەزىلەت ۋە ئەيدىز

    مەنبە : www.yarp.net.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 18:58 09-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    خوتەندىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدا ئۇزۇن يوللۇق بېكەتنىڭ ئەتراپىدىكى يول بويلىرى بىلەن پىيادىلەر كوچىسىدىكى جىنسى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سورۇنلىرىدىكى ھەر خىل ئاياللارنىڭ قىلمىشى يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ھازىرغىچە ئەنە شۇنداق سورۇنلاردىكى تەكشۈرگەن ئادەملىرىمىز بىرەر مىڭغا يېرىدۇ، شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەللىكتىن ئارتۇق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى. ئۇلارنىڭ يېنىنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيدىغانلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلساق، ئاساسەن يېزىدىن كەلگەن دېھقانلار بىلەن ئىشسىز ياشلار ھەم ئوقۇغۇچى بالىلار كۆپرەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئاڭ-بىلملىرى يېتەرسىز بولغاچقا، ئوڭايلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ. بىز شۇنداق ئورۇندىكىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى بارساق، بىزنىڭ ئاق خالاتلىرىمىزنى ھەم ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىسى بولغان قىزىل لىنتىمىزنى كۆرۈپلا ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان، يۇشۇرىنىۋالىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، بىزنىڭ ھېچقانداق قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىمىز بولمىغاچقا، مۇشۇنداق قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندىن بۇيان تەۋەلىكتىكى ساقچىخانىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. ئۇلاردىن قان ئېلىپ تەكشۈرەيمىز، گاندۇن ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ھەر ئايدا يەتتە- سەككىز قېتىم ئاخشاملىرى ئەنە شۇنداق تۆۋەن قاتلامدىكى ئاتالمىش "كۆڭۈل ئېچىش" سورۇنلىرىغا بېرىپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈشى ھەم تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىمىز.

    خوتەندە 1996-يىلى تۇنجى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بولۇپ، 2004-يىلدىن باشلاپ ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. 2004- يىلى مىڭ نەچچە يۈز كىشىنى تەكشۈرسەك 32 كىشىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغاندىن تارتىپ، 2016- يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە خوتەن شەھرىدە ئېنىقلانغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار 1078 يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۈز نەچچىسى ئۆلۈپ كەتتى، توققۇز يۈزدىن ئارتۇق ھايات ياشاۋاتقان ئەيدىز كېسەللىرى بار. خوتەندە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن تارتىپ 2008- يىلغىچە زەھەر چېكىپ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار ئاساسى ئورۇندا تۇرغان، 2008- يىلدىن 2010- يىغىچە زەھەر چېكىپ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار بىلەن نىكاھ سىرتىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسەن تەڭلىشىپ قالغان، 2010- يىلدىن باشلاپ جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىدىغانلار كۆپىيىشكە باشلاپ، ھازىر جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملانغانلار %82كە يەتتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى تېز كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللەردە يۇقۇملانغۇچىلار شەھەر ئاھالىسى ئىچىدە ئاساسى ئورۇندا تۇرغان بولسا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يېزا- بازار ئاھالىسى ئىچىدە يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ ساننى ئىگەللەۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئالاھىدە خەتەرلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئارىسىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەم شۇلار ئارىسىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان بولسا، ھازىر ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى خەتەرلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئارىسىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتىدۇ. بۇرۇن ئەرلەر ئارىسىدا يۇقۇملىنىش كۆپ بولغان بولسا، ھازىر ئاياللار ئارىسىدىمۇ يۇقۇملىنىش كۆپىيىۋاتىدۇ. يېشى چوڭ كىشىلەردە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈش بىلەن بىللە ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىۋاتىدۇ.

    ئەيدىز بىلەن پەزىلەتنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار دەپ ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ ئەيدىزنى چۈشەنگەندە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاتلانغاندا، ئەيدىزدىن ساقلىنىش پۇزىتسىيەسىنى تۇرغۇزغاندا، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا كۇيۇنۇش، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغاندا، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كەمسىتمەسلىك چۈشەنچىسىگە كەلگەندە، ئاندىن ئىنساندىكى پەزىلەت بىلەن ئەيدىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇناسىۋىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى ھەم بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايسىز. چۈنكى، ئەيدىز كېسىلىگە بولغان كۆز قاراشتا بەزىلەرنىڭ ھاياتقا بولغان مۇھەببەتلىك روھى ئىپادىلەنسە، بەزىلەرنىڭ قاباھەتلىك ئىدىيەسى كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ.

    دېمەك، پەزىلەتلىك ئادەم ھەممە تەرەپتىن بەكمۇ ياخشى ئادەمدۇر. يەنى، باشقىلارغا شەرتسىز ياخشىلىق قىلالايدىغان ھەم باشقىلار ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ئىختىيارسىز ھېس قىلالايدىغان ئادەمدۇر. شۇڭا، باشقىلار پەزىلەتلىك ئادەمگە قايىل بولىدۇ، ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئامراق بولىدۇ، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەي تۇرالمايدۇ، مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزلىرىنىڭمۇ پەزىلەتلىك ئادەملەرگە ئايلانغىسى كېلىدۇ.

    شۇڭا، پەزىلەتلىك ئادەم ئەيدىز كېسەللىرى ئالدىدىمۇ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ ئۇلارنى كەمسىتىپ يۈرمەيدۇ، بەلكى ئەيدىز كېسەللىرىگە غەمخورلۇق، مېھرىبانلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، پەزىلەتلىك ئادەم ئەخلاقسىز ھەم چۈشكۈن ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماي، خەتەرلىك قىلمىشلار ئارقىلىق پەيدا بولىدىغان ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يوللىرىدىن ئۆزىنى ساقلىيالايدۇ، شۇنداقلا تەسادىپىيلىق، ۋاستىلىق ھەم باشقىلار سەۋەپلىك ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان بولسىمۇ پەزىلەتلىك ئادەم ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي ھەم يامان نىيەتتە بولماي باشقىلارغا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ يۈرمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى پەزىلەتلىك ئادەم ھاياتىدا باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى مۇھىم دەپ قاراپ، ئەيدىزدەك خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا ھەر قاچان ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرىدۇ. قىيىنچىلىق ئالدىدىمۇ ئۆزگۈرۈپ قالمايدۇ، بەلكى پەزىلەت ئىگىسىگە خاس ھالدا ئۆز پەزىلىتىنى نامايەن قىلالايدۇ.

    ئەمما، بىزنىڭ يېزىۋاتقىنىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە ھەم ئالدىنقى سەپتە ھەم رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىدە ئۆزىنى ئاتىغان ھالدا، قىزىل لىنتا پىدائىلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ شەھەر، يېزا، ئىسسىق- سوغاق، توپا- چاڭ، ھاردىم-چارچىدىم دېمەي ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتىنى كوچا- بازارلاردا دائىملىق ئېلىپ بېرىۋاتقان، قانداق داۋالىنىشنى ھەم نەگە بېرىشنى بىلەلمەيۋاتقان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا باغرىنى كەڭ ئېچىپ كۆڭۈل بۆلۇپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى، دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېتىۋارلىق سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ بىرىۋاتقان، كۈندۈز- كەچ دېمەي، ئائىلەم- بالام دېمەي، مەن ئايال كىشىكەنمەن باشقىلار نېمە دەپ قالار دېمەي، مەينەتچىلىك- خەتەرلىك دېمەي، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى گەۋدىلىك بولىۋاتقان ھەر خىل مۇلازىمەتتىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئاساسەن قىز- ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ بېرىپ، پاھىشەلەر بىلەن ھەمجىنىسلارغا ھەم ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىنى قۇبۇل قىلىۋاتقانلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات- تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقان پەزىلەت ئىسىملىك بىر پەزىلەت ئىگىسى.

    مانا بۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق پەزىلەت ئىگىسى خوتەن شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونتۇرۇل قىلىش مەركىزى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ھەم خوتەن شەھەرلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى پەزىلەت ئابدۇمىجىتدۇر.

    2016- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى ئەتىگەندىلا پەزىلەت خانىمنىڭ ئىشخانىسىغا ئۇنى زىيارەت قىلغىلى باردىم.

    ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئەيدىز كېسەللىرىگە غەمخورلۇق قىلىش خىزمىتىنى قىلىۋاتقىلى ئون يىلدىن ئاشقان پەزىلەت خانىمدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئاتالغان بىر يۈرەك بار بولۇپ، بۇ يۈرەك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش روھىنى چاقنىتىۋاتاتتى، شۇنداق بۇ روھتىن نۇر چاقناۋاتتى، ئۇنىڭدىكى ئىنسانى روھ ئۆز رولىنى ھەقىقى نامايەن قىلىۋاتاتتى. دېمىسىمۇ، ئىنساندىكى روھ ئۇنىڭ پەزىلىتىگە بېقىپ پەرىقلىق بولىدۇ، جەمئىيەتتە ھەر خىل روھتىكى ئادەملەر بولىدۇ، ئەمما پەزىلەت بولمىغان روھ نۇر چاچالمايدۇ، بەلكى يارىماسلىق، رەزىللىك، نەپرەت پۇراقلىرىنى تارقىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئىنسان روھىنىڭ قانداقلىقىنى ئۇنىڭ پەزىلىتى ئايرىيدۇ. يەنى پەزىلەتسىز ئادەم ھۆرمەتكە، ئىناۋەتكە، شان- شەرەپكە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەكسىچە پەزىلەتلىك ئادەم ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت تۆرىگە چىقالايدۇ. ياخشى كۆرۈش ھەم ياخشى كۆرۈلۈش پەزىلەت ئىگىسىنى مەركەز قىلىدۇ، پەزىلەت ئىگىسىنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى