• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى 10 چوڭ ئەڭ داڭلىق شەھەر مەيدانى، سىز قانچىسىغا بېرىپ باققان؟

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 18:49 09-01-2017
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بۈگۈنكى باش بەت خەۋەرلىرى تورى:(Tiananmen Square) تىيەنئەنمېن مەيدانى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر مەيدانىدۇر، كەينى تەرەپتە مەشھۇر خان سارىيى بار بولۇپ، تىيەنئەنمېن مەيدانى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلىپ قىلىدىغان بىرىنچى پايتەخت شەھەر ھېسابلىنىدۇ، مەيداننىڭ شىمالىي تەرىپىدە بىر بايراق چىقىرىش سۇپىسى بار، ھەر كۈنى ئەتىگەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تيەنئەنمېن مەيدانى جۇڭگونىڭ چوڭ تىپتىكى ھەربىي پارات ئۆتكۈزىدىغان، شۇنىڭدەك باشقا مۇھىم پائالىيەت سورۇنى.

    قىزىل مەيدان ( Red Square ) موسكۋانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، بۇ يەرمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىن تاللايدىغان يېرى ھېسابلىنىدۇ. مەيدان ئەتراپىدا چوڭ چېركاۋ، دۆلەتلىك تارىخ مۇزېيى، بەدەن ھالىتى ھەيكەللىك قەبرە، يەنە كرېمىل سارىيى قاتارلىقلار بار.

    ۋاتىكان ئوردىسى(Saint Peter's Square) جايلاشقان ئورۇن ساينت پېتېر چېركاۋى ئالدىدا بولۇپ، رىمدىكى ئەڭ چوڭ مەيدان ھېسابلىنىدۇ، 500 مىڭ ئادەم سىغىدۇ، رىمدىكى ۋاتىكان ئوردىسى چوڭ تىپتىكى دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، مەيدان ئېللىپىس شەكىللىك، يەر يۈزىگە قارا رەڭلىك كىچىك چاسا خىش ياتقۇزۇلغان، ئىككى يېرىم چەمبەر شەكىللىك ئىككى گۇرۇپپا مەرمەر تاش تۈۋرۈكلۈك كارىدور بىلەن قورشالغان.

    ساينت مەيدانى (Piazza San Marco) ئىتالىيەنىڭ ۋېنىتسىيە شەھەر مەركىزىدىكى مەيدان. ئۇ ياۋروپا شەھەر مەيدانى ئىچىدە بىردىنبىر مەيدان بولۇپ، شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بولسىمۇ، باشقا مەيدانلارغا ئوخشاش قاتناشنىڭ ۋاراڭ -چۇرۇڭلىرى يوق. بۇ ساينت مەيدانىنى ساياھەتچىلەر ۋە فوتوگرافلارمۇ بەك ياقتۇرىدۇ .

    دەۋر مەيدانى ( Times Square ) نيۇ يوركتىكى داڭلىق يەتتىنچى چوڭ يول دەۋر مەيدانىغا جايلاشقان، LED چىراق نۇرى بىلەن تولغان جاي. شۇڭا كەچتە بۇ يەردىكى بارلىق بەلگە ۋە ئېكرانلار نۇر چېچىپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ .

    سەھرا مەيدانى (Piazza del Campo) ئىتالىيەدىكى سەھرا مەيدانى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر مەيدانىنىڭ بىرى، ئۇ مۇكەممەل بىناكارلىقى ۋە ئۆزگىچە گۈزەللىكى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان. بۇ مەيداندا ھەشەمەتلىك شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسى ۋە داڭلىق باي سىئېنا ئېگىز مۇنارى بار. بۇ يەردە ھەر يىلى ئىككى قېتىم ئات بەيگىسى ئۆتكۈزىلىدۇ .

    مەركىزىي مەيدان ((Main Market Square) پولشا كراكوۋ مەركىزى مەيدانى ئوتتۇرا ئەسىردە سېلىنغان ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر مەيدانىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ، ئۇنىڭ تارىخىنى 13- ئەسىردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. مەيداننىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرنىڭ داڭلىق مەمۇرىي قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق، ئوردا ۋە چېركاۋنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تۆت گېكتار بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشى1257-يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان.

    زوكالو مەيدانى (Zócalo) مىكسىكا شەھىرىنىڭ مەركىزى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەيدان. شىمال تەرىپى مەركىزىي شەھەر، شەرق تەرىپى دۆلەت ئوردىسى، يەنە نۇرغۇن تارىختىكى داڭلىق قۇرۇلۇشلار بار، بۇ يەر مېكسىكىلىقلار يىغىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدىغان جاي.

    جىما مەيدانى (Djemaa el Fna) ماراكەشتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا

    جىما مەيدانىنى بىلىدۇ، كۈندۈزى مەيدانغا ئادەملەر لىق تولىدۇ، ھەر كۈنى سېھرىگەرلىك ئويۇنلىرى قويۇلىدۇ، يەنە سەيلە قىلىۋاتقان كىشىلەرمۇ نۇرغۇن.

    تىرافالگار مەيدانى (Trafalgar Square) تىرافالگار مەيدانى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى ناپولېئوننى ئەسلەش ئۈچۈن ياسالغان، مەيداننىڭ ئەتراپىدا غايەت زور تۆت شىر ۋە بىر قاتار فونتان بار. تىرافالگار مەيدانى ئەنگىليەدىكى داڭلىق شەھەر مەيدانىنىڭ بىرى، لوندوندىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە يىغىلىش سورۇنى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى