• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بىز راستىنلا كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرىمۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:21 09-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېچىلغان ئاتا - ئانىلار سۆھبەت يىغىنىغا مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا - ئانىلار قاتناشتى. 12 ياشلىق قىز ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ:
    - ئەسسالام، ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، ئوقۇتقۇچىلار، مېھرىبان ئاتا - ئانىلار، ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن بىر ئوقۇغۇچى، كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارى، شۇنداققۇ!؟ ھازىر بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ توققۇزىمىز تەل بولدى، كىتاپلىرىمىز ھەقسىز، تامىقىمىز كاپالەتكە ئىگە، تۇرمۇشىمىزغا ياردەم پۇلى يىتەرلىك، سىنىپىمىز پاكىز، ئازادە، پارتا - ئورۇندۇقلىرىمىز تولىمۇ رەتلىك، دوسكىمىز بورسىز، ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ئۇمۇملاشتى، بۇرۇنقىدەك ھەممە پەننى بىر ئوقۇتقۇچى ئۆتىدىغان ھالەت تۈگىدى، كۆپ تىللاشقان، سەرخىللاشقان، تەلىپىمىزنى قاندۇرالايدىغان ئوقۇتقۇچىلار مۇنبەردىن ئورۇن ئالدى، بىلىمنىڭ چىراغلىقى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەينەكلىكى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى. كۆزىمىزنى يەنە يوغان ئاچساق، يولىمىز قارىماي، ماشنىلار ئۆچىرەتتە، ئائىلىمىزدىمۇ بەخت ناخشىسى ياڭرىدى، ھۆكۈمەت تۈۋەن كاپالەت پۇلى، ئەمىن ئۆي، دېھقانچىلىق تولۇقلىمىسى، داۋالىنىش كاپالىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش شارائىتىنى ياراتتى... بىزدە ھازىر نېمە كەم؟! بىز بالىلار ياغ ئىچىدىكى بۆرەككە ئوخشىدۇق، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەننىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزىغا ئايلاندۇق. مۇشۇنداق ئالاھىدە ئىمتىياز ئالدىدا بىز بالىلار ئىستىقبال شوتىسىغا ماڭالىدۇقمۇ؟ بىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. ساۋاقداشلار، پۇرسەت بىزگە تۇلۇق قۇچاق ئاچتى، تىرىشساقلا چىققىلى بولمايدىغان تاغ، يەتكىلى بولمايدىغان مەنزىل يوق. تىرىشايلى، ئاتا - ئانىلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايلى، ۋەتەننىڭ ياراملىق ئىزباسارى بولايلى، كۆپچىلىككە رەھمەت!...
    سىنىپتا توختىماستىن چاۋاك چېلىندى، ئالقىش ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا - ئانىلار ئەقىللىق ئوقۇغۇچىنى قۇچاقلىدى...
    تەرتىپ بويىچە ئېگىز بويلۇق بىر قىز يۈرەك سۆزىنى بايان ئەيلىدى:
    - مەن ھەر كۈنى ئۆيدە ئاتا - ئانامغا ياردەملىشىمەن، مەكتەپتىن كېلىپلا قوي باققىلى چىقىمەن، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنىمۇ قىلىشىمەن. كەچتە بېرىلگەن تاپشۇرۇقنى ئىشلەيمەن، تاپشۇرۇقنى تۈگۈتەلمەي ئۇخلاپلا قالىمەن، بېشىم ئاغرىيدۇ، مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكى تۈگىمەس جاپا مىنى چارچاتتى. ئاتا - ئانامغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ:«دادا - ئانا! مېنى قانچىلىك چۈشنىسىلەر ؟ مېنى بىرەر قېتىم ئارام ئېلىشقا دەۋەت قىلدىڭلارمۇ، يېزىلارغا، شەھەرلەرگە ساياھەتكە ئېلىپ باردىڭلارمۇ؟ ئوقۇتقۇچىلىرىم، بىزدىكى تاپشۇرۇق يۈكى زادى يېنىكلىمەمدۇ؟!!...».
    بۇ سادا سىنىپ ئىچىنى جىمجىتلىققا چۆمدۈردى، ئارىدىن يەنە بىر ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇردى:
    - مېنىڭ ئاتا - ئانام بەكمۇ كۆيۈمچان، ئۇلار مەن يەسلىگە كىرگەندىن باشلاپ ئوقۇش، بىلىم ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كەلدى، ئېتىز - ئېرىق ئىشىغا سالمىدى، مال بېقىش، تاماق ئېتىشنىمۇ ئۆزى قىلدى، ھەر كۈنى مەكتەپتىن كەلسەم«بىلەم ئۆلمەس بايلىق، ئادەم بىلىملىك بولسا ھېچكىم بوزەك قىلالمايدۇ، ھەمدە ئادەم ۋاي دەيدۇ، ھۆرمىتى، پۇلى كۆپ بولىدۇ، نامى ئۆچمەيدۇ. جاپا بىز بىلەنلا كەتسۇن، سىز ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولۇڭ.!»دەيدۇ. يەيدىغىنىم، كىيىدىغىنىم، خەجلەيدىغىنىم تەل، نېمە دېسەم ئارزۇيۇم شۇ ھامان تەل بولىدۇ. ياڭاق، بادام، ئارمان قۇۋەت تالقىنى، مېغىزلىق فېرىما، ئاقسىل تالىقانلىرى دائىملىق ھەمراھ، ئىچشىمگە ئۆچرات ساقلاپ تۇرىدۇ... مەن تارتىنچاق، قول كۆتۈرسەم بالىلار زاڭلىق قىلىدىغاندەك، مۇئەللىم «مۇشۇنىمۇ بىلمىدىڭمۇ كالۋا!» دەپ تىللايدىغاندەك بىئارام بولۇپ، بىلگىنىمنىمۇ جۈرئەت قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرالمايمەن، تاپشۇرۇقنى تۇلۇق ئىشلەيمەن، خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلگەندەك قىلىمەن، بىراق ئىمتاھان نەتىجەم تۆۋەن، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ھەممە پەندىن ئۆتكىنىم ئېسىمدە يوق، ئاتا - ئانام غەمدە، خەنزۇ تىلىدىن كۈندە سۆزلۈك ئۆگەنسەم بىر يۈەن بېرىدىغان، مەۋسۇملۇق ئىمتاھاندا ھەممە پەندىن ياخشى نۇمۇر ئالسام، ۋېلىسپىت، كومپيۇتېر ئېلىپ بېرىدىغانمۇ بولۇشتى، كىچىكىمدىن تارتىپ ئويۇنغا ئامراقلىقىم، تېلېۋزورغا مەستانىلىقىم، يالغان گەپنى ئارلاشتۇرۇپ قىلىدىغان ئادىتىم ئۆزگەرمىگەچكە، ئۆگىنىشىمگە تەسىر كۆرسەتتى، بىچارە ئانام ھەممە جاپانى ئۆزى تارتىپ، تاماقنىمۇ قولۇمغا ئېلىپ بېرىپ پەپىلىگىنىگە يارىشا خۇشاللىق كۆرەلمىگىنىگە خاپا بولۇپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىدۇ:«بىز زادى قانداق قىلساق ياخشى ئۆگىنىسەن، بىزنى خاپا قىلىپ ئۆلتۈرەي دەمسەن!؟«دەپ بىر قېتىم قولۇمدىن تارتقان پېتى قوي قوتىنىغا سولىۋەتتى، شۇنىڭدىن بۇيان مەندە ئويلىنىش بولدى، دادامنىڭ كۈندۈزى ھارغىنىغا قارىماي ئاخشىمى ماڭا يېتەكچىلىك قىلىشى، مەكتەپكە بېرىپ مۇئەللىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشى 13 ياشلىق ھاياتىمغا يېڭى كۈچ قوشتى. مەن ئەمدى تىرىشىمەن، تىرىشىشلا ئەمەس، جىسمانىي ئەمگەكنىڭ تەمىنىمۇ تېتىيمەن...
    دادا - ئانا، ئەمدىكى ۋەدەمگە تۇلۇق ئىشنىڭلا، مەن چوقۇم. مەن؟... مەن!...
    ئۇ ئاخىرقى سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي يىغلىۋەتتى...
    ئوقۇغۇچىلار شۇنچە ئەركىن، يۈرىكىدىكى سۆزىنى يۇشۇرماستىن داۋاملاشتۇردى. چىرايىدىن مىسكىنلىك چىقىپ تۇرغان بىر قىز تارتىنىپقىنا ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ شۇ تاپتا ئېيتىپ تۈگتكۈسىز دەردى باردەك قىلاتتى:
    - مەن ھازىر ياخشى ئوقۇۋاتىمەن، ھمەمە پەندىكى نەتىجەم 90 دىن يۇقىرى، خەنزۇ تىلىدا ماقالە يازالايمەن، ئېنەلىز تىلىنى ئۆگىنىشنى قولدىن بەرمىدىم. بىر مىنۇت مەن ئۈچۈن ئالتۇندىن قىممەت، ساۋاقداشلىرىم ئارام ئالسا مەن ئارام ئالمىدىم، ئۆگىنىش، يۇقىرىلاش، ئۆزۈمنىڭ قىممىتىنى تېپىش ئاخىرقى نىشانەم!..
    ئۇ كۆپچىلىككە شۇنداق قارىۋېتىپ ھەسرەتلىك تىندى، كۆپچىلىك قىزغا مەدەت بەرگەندەك كۈلۈمسىرىدى، قىزنىڭ ئاۋازى تىترىگەندەك چىقتى:
    -مېنىڭ ئائىلەم بۇلۇت ئىچىدە، قۇياشتىن ئېغىز ئاچالمايمەن. دادام ھارامخۇمارى، ھەر كۈنى ھاراق ئىچمىسە بەدىنى تىترەپ خۇدىنى يوقىتىدۇ، ئانام ئۇ يەر بۇ يەردە ئىشلەپ تاپقان پۇلى دادامنىڭ ھاراق ئىچىشىگە يەتمەيدۇ، ئانام تىل - ھاقارەت، تاياققا چىداپ ئىككى ئۇكام بىلەن مېنى ياتلار ئالدىدا بويۇن قىستۇرماسلىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، يېتىم بولماسلىقىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىۋاتىدۇ. مەن ئوقۇتقۇچىم، ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشتىم، تۇرۇپلا«بىز راستىنلا كەلگۈسىنىڭ خۇجايىنلىرىمۇ؟!»دېگۈم كېلىدۇ، مەن!...مەن!...
    قىز يۈزىنى ئالقىنى ئارىسىغا يوشۇرۇپ يىغلىۋەتتى، مۇئەللىم قىزنى ئاستا ئولتۇرغۇزدى:
    - قىزىم كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، پارتىيە، مەن، مېھرىبان ئانىلار سىزنى ئوقۇتىمىز!
    - بالام- ئېگىز بويلۇق، 55 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر دادا سالماق قەدەم بىلەن قىزنىڭ يېنىغا كەلدى،- مەن تىجارەت بىلەن بولۇپ كېتىپ بالىلار قەلبىنى چۈشەنمەپتىمەن، ئەمدى خاتالاشقىنىمنى ھىس قىلدىم، سىزنى ئاتا ئورنىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە ئوقۇتىمەن، ياخشى ئوقۇڭ!
    مېھرىبان ئاتا قىزنى باغرىغا باستى...
    ماتېماتىكىدىن ئىككى نۇمۇر ئالغان ئوقۇغۇچى ئىرادىسىنى بىلدۈرۋاتقاندا مەھەللە خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان دادىسى بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى:«مەن بالامغا كۆڭۈل بۆلەلمەپتىمەن، مەنمۇ دادا بولدۇممۇ؟»30دىن ئارتۇق بالىغا ماتېماتىكا دەرسى بېرىدىغان، خىزمەتكە چىققىلى ئۇزاق بولمىغان ئايال ئوقۇتقۇچى شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگىمۇ بارماي ئوقۇتۇش ئىستىكىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقى، ئوقۇغۇچىلارغا ئېزىپ ئىچكۈزۈپ دەرس سۆزلىسىمۇ ياخشى بولمايۋاتقانلىقىنى، مەۋسۇملۇق ئىمتاھاندا ئاران ئىككى بالىنىڭ 60 تىن يۇقىرى نۇمۇر ئالغانلىقىنى، ئەمدى قىلمىغان چارىسىنىڭ قالمايۋاتقانلىقىنى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى، ئاۋازى تىترىدى، كۆزلىرى نەملەندى...
    ئاتا - ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىش ئاقىلانىلىك، سۆھبەت ئارقىلىق ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلەيدۇ، مۇناسىپ تەجرىبە توپلىيالايدۇ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىق، سەۋەنلىكىنى يەكۈنلىيەلەيدۇ. ئاتا - ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا - ئانىلار ئارلىقىنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ، مۇھەببەت، ئىشەنچ، مەسئۇلىيەت تۇرغۇزالايدۇ. بۇنىڭغا ئاتا - ئانىلار توغرا قارىشى، ۋاقتىدا كېلىشى، ئۆزىدىكى مەجبۇرىيەتنى تارازىغا سېلىپ بېقىشى كېرەك.
    دېمىسىمۇ، مۇھەببەت ئۇلۇغلۇقنىڭ جۇلاسى، ئۇنىڭدىن يۇلتۇز، قۇياش نۇرىنى كۆرۈش بالىلار تەربىيەسى، ئىستىقبالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر بالا ئىستىقبال تېپىپ جەمئىيەتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلانسا، ئاتا - ئانىنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ، چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدۇ، ھاياتنىڭ چىن مەنىسىنى تاپىدۇ، بەخت ئۆمۈرلۈك ھەمراھىغا ئايلىنىدۇ. بەرھەق، بالىلار ھەقىقەتەن كەلگۈسىنىڭ خۇجايىنى. ھەممىمىزنىڭ ئېڭىدە:«خۇجايىن»لىق ئېڭى بولسىلا، روھىيىتىمىز ئەقىل بىلەن ياشىرىدۇ.
    «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى