• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كرودىيە تاراتقۇلىرى: راكىتىچ قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن

    مەنبە : dongqiudi.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:28 09-01-2017
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دوڭچۇدى تورى خەۋىرى. كرودىيە تاراتقۇسى «Jutarnji List» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى راكىتىچ قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن بولۇپ، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى ئۇنىڭ كېينكى «بېكىتى» بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    «دۆلەت دېربىيسى»دىن كېيىنكى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە، راكتىچ پەقەت زاپاس ئەزالار سۇپىسىدا كوماندىنىڭ غەلبىسىنى كۆرۈپ ئولتۇردى. بۇ ئايلانمىدىكى ۋىللارېئال كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىدىمۇ ئۇ يەنىلا چوڭ تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىن دېنىس سۇئارېز ۋە ئاندىرې گومېز تېخىمۇ كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. «Jutarnji List»نىڭ قارىشىچە، ھازىر راكىتىچنىڭ كوماندىدىكى ئورنىنى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن.

    بۇنىڭدىن بۇرۇن بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە، يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ راكىتىچقا ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقى دېيىلگەن ئىدى. «Jutarnji List»نىڭ تەھلىلىچە، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ راكىتىچنىڭ كېيىنكى بېكىتى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى