• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۆزىل ۋېنگىرنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلگۈسى بار ئىكەن

    مەنبە : dongqiudi.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:10 09-01-2017
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دوڭچۇدى تورى خەۋىرى. ئارسېنال كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادرولۇق توپچىسى ئۆزىلنىڭ توختامى ئارسېنال مەستانىلىرىنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىسى. ئۇنىڭ توختامى 2018-يىلى يازدا توشىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە تېخىچە كۇلۇب بىلەن توختام ئۇزارتمىغان.

    ئۆزىل مۇنداق دەيدۇ: كۇلۇب مېنىڭ ئارسېنال كۇلۇبىغا كېلىشىمنىڭ ئاساسلىقى ۋېنگېر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇ مېنى كوماندىغا قوشۇۋالغان كىشى، شۇنداقلا مەن ئىشىنىدىغان كىشى.

    «كۇلۇبمۇ مېنىڭ ۋېنگېرنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمنى ئوبدان بىلىدۇ. مەن ئارسېنال كوماندىسىدا قالالىسام بەك خۇشال بولىمەن. مەنمۇ كۇلۇبقا مېنىڭ توختام ئۇزارتىشقا تەييارلىق قىلىپ بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ بولدۇم».

    «مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قېلىشىمنى ئارزۇ قىلىدۇ، نۆۋەتتە بۇنىڭ ھەممىسىنى كۇلۇب بەلگىلەيدۇ».

    خەۋەرلەردە تارقىلىپ يۈرگەن يۇقىرى مۇئاش ئىشىگە ئۆزىل ئىنكاس بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى بار، مەن ئۇ سۆز-چۆچەكلەرگە ئازراقمۇ قىزىقمايمەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى