• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئوباما ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۇرىدىغان 20 نەچچە مىليونلۇق داچىنىڭ سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:36 09-01-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە ئايالى مىچېل ۋاشىنگىتوننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بايلار رايونى-كارلو رامادىن، 8200 كۇۋادرات ئىنگلىزچىسى(تەخمىنەن 762 كىۋادرات مېتىرلىق) بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئۆي ئوبامانىڭ ۋەزىپە مۇددىتى تۇشۇپ، ئاق سارايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئورۇنلىشىدىغان تۇنجى تۇرالغۇسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار بۇ ئۆيدە كىچىك قىزى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى تاماملىغۇچە تۇرىدىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۇرالغۇ ۋاشىنگىتوندىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئاھالىلەر رايونىنىڭ بىرى بۇلۇپ، تۇرالغۇنىڭ قىممىتى4 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 28 مىليون 180 مىڭ يۈەن) ئىكەن.
    بۇ تۇرالغۇدا يېتەرلىك چوڭلۇقتىكى بوشلۇق بولغاچقا، ھەر بىر ئادەمنىڭ بىردىن ئايرىم كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى بار بۇلۇپ، ئوباما بىلەن مىچېلنىڭ مۇنچىسى ئايرىم ئىكەن. بۇ قورودا يەنە كۆڭۈل ئېچىش ۋە تىنچ مۇھىتتىن ھوزۇرلىنالايدىغان گۈللىكى بار ئىكەن.
    بۇ تۇرالغۇ 1928-يىلى ياسالغان بولۇپ، جەمئىي 9 ياتاق ئۆي، 8 مۇنچىسى بار ئىكەن، يورۇق مېھمانخانىسى تۆۋەن قەۋەتتىكى كۆپ قىسىم بوشلۇقىنى ئىگىلىگەن بۇلۇپ، ئاق ساراينىڭ ئومۇمىي تۇيغۇسىغا سلىشتۇرغاندا تېخىمۇ زامانىۋىلاشقان ئىكەن.

    سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون، ئىشچىلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ يېڭى تۇرالغۇسىنى بېزەۋاتىدۇ.


    ئوبامانىڭ يېڭى تۇرالغۇسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.


    ئوبامانىڭ يېڭى تۇرالغۇسىنىڭ ئىچىكى كۆرۈنۈشى.

    ئوبامانىڭ يېڭى تۇرالغۇسىدىكى مېھمانخانا.


    ئوبامانىڭ يېڭى تۇرالغۇسىدىكى ياتاق ئۆيى.

    ئوبامانىڭ يېڭى تۇرالغۇسىدىكى ئازادە ئاشخانىسى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى