• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «تۆت دەرسخانا» دېھقان-چارۋىچىلارنى بېتىش يۇلىغا يىتەكلىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:30 09-01-2017
    تەھرىر : ئۆمەر ھامۇت
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەھمەد ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسىنىڭ يېزا قىشلاقلىرىدىكى «تۆت دەرسخانا» دېھقان- چارۋىچىلارنى ھەر جەھەتتىن بېيىش يۇلىغا يىتەكلىدى.

    بۇ يىل بۇ ناھىيە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سىياسەتلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش، پەن- تېخنىكا ئۆگىنىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن «كەچلىك دەرسخانا»، «ئېتىز بېشىدىكى دەرسخانا»، «ئاياللارنى يىتەكلەش دەرسخانىسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى» قاتارلىق «تۆت دەرسخانا» تەسىس قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بېيىش ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ناھىيە «كەچلىك دەرسخانا»دا يېزا- بازارلىق پارتىيە مەكتەپلىرى ۋە دېھقان-چارۋىچىلار پەن-تېخىكا بويىچە تەربىيەلەش بازىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش بىلەن ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنۈشنى، كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىش بىلەن ئايرىم پىكىر ئالماشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ھەپتىنىڭ 3- ۋە 5- كۈنلىرى كەچتە يېزا- بازار، مەيدان، ئاھالە كومىتېتلاردىكى كادىرلار ئارىسىدا پارتىيەنىڭ لۇشيەن- فاڭجېن، سىياسەتلىرى، مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى تۈزۈملەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭى ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى. «ئېتىز بېشىدىكى دەرسخانا»دا ناھىيە، يېزا- بازار ئىككى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا پەن- تېخىكا خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىش، باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتتى. ناھىيە، يېزا- بازارلاردىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنى ئاساسى قاتلامغا ئەۋەتىپ، دېھقانلار تېرىقچىلىق، باغ- ئورمانچىلىق جەھەتلەردە ئۇچرىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ پەن- تېخنىكا ۋە ئىلمىي ئۇسۇلغا تايىنىپ بېيىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى. «ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى»دا ناھىيەلىك كەسپىي ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپى ۋە 450 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلغان ناھىيە دەرىجىلىك ئاياللار قول ھۈنەرۋەنچىلىك، كەشتىچىلىك كەسپىي بويىچە تەربىيەلەش بازىسى ۋە يېزا-بازارلاردا قۇرۇلغان ئاياللار قول ھۈنەرۋەنچىلىك، كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاياللارنى كەشتىچىلىك، كارۋات بۇيۇملىرىنى، ئۈنچە- مارجان بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش بويىچە سىستېمىلىق تەربىيەلەپ، قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، كۆرگەزمە قىلىش، سېتىپ چىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاياللارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى. «ئىگىلىك تىكلەش دەرسخان»سى، يېزا- بازارلاردىكى ياشلارنىڭ بىلىمىنى موللاشتۇرۇش، ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىپ نەتىجە يارتىش، ئىگىلىك تىكلەپ ئۆز قابىليىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، بېيىش ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىرادىسىنى چىڭىتتى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى