• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دوختۇرلار نېمە دەيدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:08 09-01-2017
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ تەشەبۇسى: قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇڭ

    دائىم سافا (كىرېسلو)دا ئولتۇرۇش سالامەتلىككە زىيانلىق، سافا (كىرېسلو) يۇمشاق بولغاچقا، بەل ئومۇرتقىسى يېتەرلىك تىرەش كۈچىگە ئېرىشەلمەي دۈمچىيىپ قېلىپ، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئەگرىلىكى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، داس سۆڭەك كەينى تەرەپكە قىيسىيىدۇ، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئۇچرايدىغان بېسىم ئېشىپ كېتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بەل مۇسكۇللىرى چارچايدۇ، سۆڭەك ئۆسۈپ قالىدۇ، ھەتتا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىشى مۇمكىن.

    تەكلىپ: يۆلەنچۈكى بار قاتتىق ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇش، كاسسىنى ئورۇندۇققا تولۇق تەگكۈزۈش، بەل ۋە دۈمبىنى يۆلەنچۈككە چاپلاش كېرەك، بۇنىڭدا بەل، دۈمبە مۇسكۇللىرى تېخىمۇ راھەت، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئۇچرايدىغان بېسىم كىچىكرەك بولىدۇ.

    يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنىڭ تەشەبۇسى: چارچىغاندا قەھۋە ۋە قېنىق چاي ئىچمەڭ

    بەزىلەر چارچىغاندا قەھۋە ئىچىش، قېنىق چاي ئىچىش ياكى تاماكا چېكىش ئارقىلىق ئارام ئېلىشقا، ھاردۇق چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، چارچىغاندا قەھۋە ئىچىش، قېنىق چاي ئىچىش يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا زىيانلىق. ھېرىپ چارچىغاندا چەككەن تاماكىنىڭ سالامەتلىككە كەلتۈرىدىغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر.

    تەكلىپ: ئەتىگەن– كەچتە پىيازگۈل (گۈلسامساق)، ئالقات ۋە چىلاننىڭ ھەرقايسىسىدىن 20 گىرامدىن ئېلىپ چاي دەملەپ بەش مىنۇتلاردىن كېيىن ھەسەل قوشۇپ ئىچسە، ھاردۇقنى چىقىرىپ روھنى كۆتۈرىدۇ.

    قان كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ تەشەبسى: چاچنى ئامال بار بويىماڭ

    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 1999– يىلىدىن بۇيان، شاڭخەيدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ قان كېسەللىكلىرى بۆلۈملىرى بىر قىسىم ئېنىقسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاق قان ھۈجەيرىلىرى، قىزىل قان شارچىلىرى ۋە قان پىلاستىنكىلىرى كۆپلەپ ئازىيىپ كېتىدىغان قان كېسەللىكلىرى ئاغرىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالىغان. دوختۇرخانىلار تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا چېچىنى بويىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەممىسىنىڭلا ئىككى يىل ئەتراپىدىكى چاچ بوياش تارىخىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىمىيەلىك بوياقلارنىڭ يەنە دوۋساق راكى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

    تەكلىپ: چاچنى ئامال بار بويىماسلىق، بەك بويىغۇسى بولسا كۆپ بولغاندىمۇ يېرىم يىلدا بىر قېتىم بوياش كېرەك.

    كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ تەشەبۇسى: قۇياش كۆزەينىكى تاقاڭ

    قۇياش كۆزەينىكىنى ئىزچىل تاقاش كۆز ئاسراش ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق ھەر خىل كۆز كېسەللىكلىرىدىن يىراق تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندىن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەرگىچە بولغان مەزگىلدە قۇياش نۇرى كۈچلۈك بولغاچقا، چوقۇم قۇياش كۆزەينىكى تاقاش كېرەك.

    تەكلىپ: ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى%100 توسۇيدىغان كۆزەينەكلەرنى تاقاش؛ كۆزەينەك تاقىغاندا باش قايمايدىغان بولۇش؛ ئادەتتىكى دالا مۇھىتىدا كۈلرەڭ ياكى جىگەررەڭلىك كۆزەينەكلەرنى تاقاش، سېرىق، قىزىل، كۆك ۋە يېشىل رەڭلىكلىرىنى ئامال بار تاقىماسلىق؛ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلار تاقىماسلىق، ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئامال بار ئاز تاقاش كېرەك.

    ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ تەشەبۇسى: پاختىلىشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋېتىڭ

    ئەگەر يەر ياڭىقى، كۆممىقوناق، سېرىق پۇرچاق ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەر پاختىلىشىپ قالغان بولسا قەتئىي يېمەڭ، چۈنكى ئۇلاردا ھاسىل بولىدىغان ئافلاتوكسىن ئادەمنى زەھەرلەپ قويۇشى، ھەتتا ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، ئاز– ئازدىن ئۇزاق مۇددەت يېيىشمۇ راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. پاكىز يۇيۇش ۋە پىشۇرۇشمۇ ئۇلاردىكى بۇزۇلۇشنى يوقىتالمايدۇ. بەزىلەر پاختىلىشىپ قالغان يېمەكلىكلەردىكى پاختىلاشقان جايلارنى ئېلىۋەتسىلا قالغان قىسمىنى يېگىلى بولىدۇ، سالامەتلىككە تەسىرى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە يېمەكلىك پاختىلاشقان بولسىلا چوقۇم تاشلىۋېتىش، ھەرگىز يېمەسلىك كېرەك.

    تەكلىپ: پاختىلاشقان يېمەكلىكلەر بايقالغان ھامان چوقۇم تاشلىۋېتىش، ھەرگىز ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى بىلەن ئويناشماسلىق كېرەك.

    بۆرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ تەشەبۇسى: تەرەت قىلىشنى كېچىكتۈرمەڭ

    ئۇزاق ۋاقىت سۈيدۈك قىسىۋېلىش ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، دوۋساق ياللۇغى قاتارلىق سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

    تەكلىپ: ئۇسسۇزلۇقنى كۆپرەك ئىچىش، ھەم كۆپرەك كىچىك تەرەت قىلىش ئارقىلىق بۆرەك ۋە دوۋساقنى يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك.

    ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ تەشەبۇسى: ئاشقان قورۇما ۋە تاماقلارنى كۆپ يېمەڭ

    ئاشقان تاماق، قورۇمىلارنى يېيىش ئاشقازان ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، يەڭگىلرەك بولغاندا باش قايىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ياندۇرىدۇ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ.

    تەكلىپ: سوغۇق سەيلەرنى ساقلىماسلىق ياكى ساقلاش ۋاقتى تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ قورۇمىلارنى ساقلاش ۋاقتى 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، شۇنداقلا قايتا يېيىشتىن بۇرۇن چوقۇم تولۇق قىزدۇرۇش كېرەك؛ دۈملەپ پىشۇرۇلغان كۆكتاتلاردىكى مىكروبلار تولۇق يوقىلىدۇ، بىراق ساقلاش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە تەمىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ساقلاش ۋاقتى 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى