• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھىلارى نىيۇيورك شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر باشلىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

    مەنبە : news.163.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:51 07-01-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ۋاڭيى تورى خەۋىرى: جۇڭگو گېزىتى تورىنىڭ 6-يانۋار تېلېگراممىسى: ئۇنىۋېرسال چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى گەرچە 2016 - يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى تېخى ئاخىرلاشمىغان بۇلۇپ، ئۇ سايلامغا قاتنىشىپ نيۇيورك شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
    نىيۇيورك شەھىرىنىڭ ھازىرقى شەھەر باشلىقى بېلدى بىلېسيونىڭ تۆت يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىسى ‹نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ› خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىلېسىيونىڭ قوللاش نىسبىتى تۇراقسىز بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە بىر قەدەر ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋېتىپتۇ، بۇ خىل ئەھۋال ھىلارىنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىغا پايدىلىق بۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
    نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ۋىليام لېۋىس مۇنداق دېگەن: ناۋادا ھىلارى سايلامغا قاتنىشىپ قالسا، ئۇ بىر كۈچلۈك نامزات بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسلىق سىياسىي تەشكىلاتى نىيۇيورك شەھىرىدە ، ئۇنىڭ تاللىنىش ئىمكانىيىتى بار.
    كونسېرۋاتىپ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىلارىنىڭ يادرولۇق قوللىغۇچىلىرى نۆۋەتتە ئۇنىڭ شەھەر باشلىقى سايلىمىغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىق مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانىكەن. نيۇيورك دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىلارى نىيۇيوركتا ئالاھىدە قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ، ناۋادا ھىلارى سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىسا، بىلېسىيو دەم ئېلىشقا چىقىش ئىلتىماسى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ھىلارىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى قوللاش نىسبىتى %79 كە يەتكەن ئىكەن.
    2000-يىل، ھىلارى بېلدى بىلېسيونىڭ ياردىمىدە نيۇيورك شىتاتىنىڭ فېدراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى بۇلۇپ سايلانغان، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بىر مەھەل ناھايىتى قويۇق ئىدى. لېكىن، 2016– دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى دەسلەپكى تاللاش جەريانىدا، بېلدى بىلېسيو نەچچە ئايدا ھىلارىنى قوللاشنى قارار قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن ھىلارى ئىزچىل ئۇنىڭ بىلەن ئارلىق ساقلاپ كەلگەن. ئەگەر ھىلارى سايلامغا قاتنىشىشنى قارار قىلسا ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىشى مۇمكىن.
    ئـەمـەلىيەتتە، ئەگەر ھىلارى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، يەنە نيۇيورك شەھەر باشلىقىلىق سايلىمىغا قاتنىشىشنى تاللىسا بۇ ھەرگزمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ئىلگىرىمۇ زۇڭتۇڭ نامزاتىلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۇشنى تاللىغان، مەسىلەن، ھازىرقى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى، ئۇ 2004 جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى سايلامدا زۇڭتۇڭ نامزاتى جورج . ۋ . بۇشقا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى