• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە 39 دۇنيا رېكورتى بۇنىڭ ئىچىدىكى 10ى جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن يارتىلغان

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:38 07-01-2017
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بۈگۈنكى باش بەت خەۋەرلىرى تورى: دۇنيا رېكورتى دىگەن سۆز ئاڭلىماققىلا ياراتماق ناھايىتى قىيىن ئىشتەك، ئۇنىڭ خۇددى بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى بەك يىراقتەك بىر ئىش تۇيۇلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، نۇرغۇن دۇنيا رېكورتىنى يەنى ئادەتتىكى ئادەم، ئادەتتىكى تۇرمۇش جەريانىدا ياراتقان، ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە ئەڭ غەلىتە 39 دۇنيا رېكورتىنى يارتىلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 دۇنيا جىنىس رىكورتىنى جۇڭگولۇقلار ياراتقان.

    2013-يىلى7-ئاينىڭ 28 -كۈنى، تەيبېي شەھىرىدە 1213 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا يۈزىگە يۈز چاپلىقى چاپلىغان ھەمدە 10 مىنۇت تاقاپ تۇرغان،ھەم پائالىيەت يېڭى دۇنيا جىنىس رېكورتىنى ياراتقان .

    2011-يىلى1-ئايدا،جۇڭگولۇق بۇ ئەر قار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، دۇنيا جىنىس رېكورتى ياراتقان. ئۇنىڭ قاردا تۇرغان ۋاقتى 46 مىنۇت يەتتە سېكونتقا يەتكەن.

    2012-يىلى 4-ئايدا،جۇڭگولۇق ھەسەل ھەرىسى باققۇچى يۈ پىڭنىڭ تېنىنى 331 مىڭ دانە ھەسەل ھەرىسى قاپلىغان بولۇپ ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 33 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى 27 كىلوگىرام كېلىدىغان دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان .

    2012-يىلى10-ئايدا جۇڭگونىڭ چىڭداۋ دېڭىز ساھىلىدا 900 دىن ئارتۇق چىدىر قوراشتۇرلۇپ جۇڭگونىڭ ئەجدىھا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، بۇ ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق چىدىر قوراشتۇرۇش بولغان. ھەمدە دۇنيا جىنىس رېكورتى ياراتقان.

    2006 -يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 100-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئېكسپورت تاۋارلىرى كۆرگەزمىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چامىدان كۆرگەزمە قىلىنغان، دۇنيا جىنىس رېكورتىنى ياراتقان، بۇ چامىداننىڭ ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر كېلىدۇ .

    2009-يىلى4-ئايدا جۇڭگودىن كەلگەن 24 ياشلىق ئالاھىدە ماھارەت ئارتىسى سەمەت ھەسەن جۇڭگونىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىكى پولات سىمدا مېڭىش تۈرىدە دۇنيا جىنىس رىكورتى ياراتقان بولۇپ، ھەسەن ماڭغان سىمنىڭ دىئامېتىرى ئاران 3 سانتىمېتىر، يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 700 مېتىر ئېگىزلىكتە، يانتۇلۇق دەرىجىسى 39 گرادۇس بولۇپ، ھەسەن ئاخىرى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا پولات سىمدىن مېڭىش تۈرىدە جىنىس دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان .

    2014 - يىلى، جۇڭگونىڭ شىياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۇنيادىكى ئەڭ نېپىز گاندون ئېمۇلسىيەلىك بۇ ماركا دۇنيا جىنىس رىكورتى ياراتقان بولۇپ، بۇ ماركىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى ئاران 0.001417 ئىنگىلىزچى كىلىدىكەن.

    2013 - يىلى شاڭخەي پۇدۇڭدىكى جيالى ئالىي مېھمانسارىيى ئىچىدە بەرپا قىلىنغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھەرخىل رەڭلىك توپ ئۇچۇرۇپ كۆلچەككە چۈشۈرۈشتە دۇنيا جىنىس رىكورتى يارتىلىغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەت سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

    2015-يىلى5-ئاينىڭ4-كۈنى، جۇڭگونىڭ جىنەندىكى بىر تەنتەربىيە مەركىزىدە يۈز قىسمىنى ئۇۋۇلاش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلگەن. بارلىق خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى قىز-ئاياللاردىن تەركىب تاپقان، ئۇلار ئوخشاش ۋاقىتتا يەنى 30 مىنۇت يۈز قىسمىنى پەردازلاپ بولغان، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق پائالىيەت بولۇپ، دۇنيا جىنىس رېكورتى ياراتقان.

    2012-يىلى2-ئايدا، جۇڭگونىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى گۇتيەن بازىرىدىكى پانۇس بايرىمىدا،كەنت ئاھالىلىرى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەجدىھا ئۇچۇرۇش پائالىيتى ئۆتۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئەجدىھا جىنىس دۇنيا رېكورتى ياراتتى، بۇ ئەجدىھانىڭ ئۇزۇنلۇقى 791.5 مېتىر كىلىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى