• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تىنچلاندۇرۇش دورىسى ماس كەلمەيدىغانلار

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:00 07-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئۇيقۇسىزلىق، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. بىراق تىنچلاندۇرۇش دورىسى ھەرقانداق بىمارغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ.
    ئۆپكە گازلىق ئىششىقى بارلار: تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلغاندا، نەپەس ئېلىشى تېزلىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىدۇ. ئېغىر بولغاندا نەپەستىن توختاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
    گىلاۋكوما بىمارلىرى: گىلاۋكوما بىمارلىرى تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
    شوپۇرلار: ھەركۈنى 15 مىللىگىرام تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىستېمال قىلغاندا، باش قېيىش، ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆزى غۇۋالىشىش، كۆز ئالمىسى تىترەش، تۆۋەن قان بېسىمى قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
    ھامىلدارلار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار: ھامىلدار بولۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىنمۇ تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى قالايمىقان ئىستېمال قىلغاندا، بۇۋاقنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىنمۇ تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى قالايمىقان ئىستېمال قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ، فىزىئولوگىيەلىك سېرىق چېچەك مەزگىلىنى ئۇزاتىۋېتىدۇ. بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ۋە بوۋاقلار تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى