• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شۋېتسارىيەدىكى 120يىلدىن بۇيان ۋەقە يۈز برىپ باقمىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ تىك تۆمۈر يول

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 10:39 07-01-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا تورى خەۋىرى. شۋېتسارىيەنىڭ پىلاتۇس تېغى (Mt. Pilatus) غا جايلاشقان تاغلىق تۆمۈر يولى دۇنيا بويىچە ئەڭ تىك تۆمۈر يول بولۇپ، بۇ تۆمۈر يولنىڭ ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى ئۈچ ئىنگلىز مىلى بۇلۇپ، تۆمۈر يولنىڭ ۋېرتىكال ئېگىزلىكى 6800 ئىنگلىزچى (تەخمىنەن 2073 مېتىر)، ئەڭ چوڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى %48 گە يېتىدىكەن، بۇ تۆمۈر يول شۋېتسارىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن.

    پىلاتۇس تېغى تۆمۈر يولىنى ئەڭ دەسلەپتە سىيۇرېخلىق ئېنژىنىر ئېدۋارد لوچېر (Eduard Locher) لايىھىلىگەن بولۇپ، ئۇبۇ تۆمۈر يولغا پاراللىل قوش چىشلىق چاق لايىھىسى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرغان ھەمدە ئەڭ ئىلغار بولغان چىشلىق رېلىس تىپىدىكى لايىھە ئۇسۇلىنى قوللانغان، دەل مۇشۇ خىل لايىھە ئۇسلۇبى بۇ تۆمۈر يولدا پويىزلارنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىش شۇنداقلا ئۆرۈلۈپ كېتىش خېيىم-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكەن؛ ئېدۋارد لوچېر يەنە بۇ تۆمۈر يول ئۈچۈن ئالاھىدە ئاپتوماتىك تورمۇزلاش سېستىمىسى لايىھىلەپ پويىز سۈرئىتىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلانغان.

    پىلاتۇس تېغى تۆمۈر يولى 1886-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان ھەمدە 1889-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ تۆمۈر يول بۆلىكىدە، ئەڭ دەسلىپىدە پار ماشىنىسى تىپىدىكى پاراۋۇز قاتنىغان بولۇپ، 1937-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئىلغارلاشتۇرۇلۇپ ئېلىكتىر پاراۋۇز قاتناشقا باشلىغان، شۇنداقلا ھەر بىر ۋاگوندا ئولتۇرالايدىغان يولۇچى سانى ئەسلىدىكى 32 ئادەمدىن 40 ئادەمگە كۆپەيتىلگەن.

    بۇ تۆمۈر يولنىڭ باش بېكىتى ئوبۋالدېن شىتاتى لۇسېرن كۆلى (Lake Lucerne, Obwalden) دىكى ئالناستاد (Alpnachstad) بولۇپ، تۆمۈر يولنىڭ ئۇمۇمىي مۇساپىسىگە تەخمىنەن يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

    شۇ جايدىكى ساياھەت مەركىزى خىزمەتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ جايدىكى پويىزلار ھەر يىلى 3- ئايدىن تاكى 11- ئايغىچە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېچىۋىتىلىدىغان بولۇپ، 10 ۋاگونلۇق بۇ پويىزغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 340 يولۇچى سىغىدىكەن، ھەر يىلى تەخمىنەن 300 مىڭ ساياھەتچى بۇ پويىزغا ئولتۇرۇپ تاغقا چىقىدىكەن.

    بۇ تۆمۈر يول ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، يەنى 120 يىلدىن بېرى بىرەر قېتىممۇ ۋەقە يۈز بېرىپ باقمىغان ئىكەن.

    بۈگۈنكى كۈندە، ساياھەتچىلەرنىڭ پىلاتۇس تېغى چوققىسىغا چىقىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇسۇل بار بولسىمۇ، پويىزغا ئولتۇرۇپ تاغ چوققىسىغا چىقىش ساياھەتچىلەر ئۈچۈن يەنىلا ئەڭ قالتىس ھەم ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز تاللاش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.


    پىلاتۇس تېغى تۆمۈر يولى شۋېتسارىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى