• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يۇقىرى ئەقىل بۆلۈنمىسى تۇغما ئىرسىيەتتىن بولامدۇ ياكى كېيىنكى ھامىلە تەربىيەسىدىنمۇ

    مەنبە : jiankang.163.com
    يوللانغان ۋاقىت : 18:07 06-01-2017
    تەھرىر : سەلىمە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئىرسىيەت گېنى ئادەمنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى بەلگىلىسىمۇ، بىراق تەسىر قىلىش رولى %48تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئادەمنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى تېخىمۇ كۆپرەك ھامىلىدارلىق مەزگىلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، ئانا تېنىدىكى بالىياتقۇ مۇھىتى ئەقىل بۆلۈنمىسىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
    ھامىلە تەربىيەسى بوۋاقلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىدە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۈچىگە ئىگە.
    بۇندىن بۇرۇن ئىزچىل ھالدا «ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ %80ى ئىرسىيەتتىن كېلىدۇ»، «ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى ئاتا-ئانىلار ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى بالىلارنى تۇغىدۇ» دەيدىغان كۆز قاراش داۋاملىشىپ كەلگەن. بىراق ھازىرقى كىشىلەر بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا مۇھىم ئامىللارنى تونۇپ يەتتى. مەسىلەن: كېيىنكى تەربىيە، مۇھىت ئامىلى قاتارلىقلار. ئەقىل بۆلۈنمىسى توغرىسىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق كۆز قاراشلار بولسىمۇ، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن زور ئۈمىد كۈتكەنلىكىدىن بولۇپ، ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى، ئۆگىنىشتە، تۇرمۇشتا، خىزمەتتە باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇشىنى، تۇرمۇشتىمۇ بەختلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. گەرچە ئەقىل بۆلۈنمىسى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى بولمىسىمۇ، بىراق مۇھىم شەرتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، بالىلارنىڭ يۇقىرى ئەقىل بۆلۈنمىسىنى قانداق يېتىشتۈرۈش كېرەك؟ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتى توغرىسىدا، ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئىگە بولغان ئامېرىكا پىتتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتىدىن پايدىلىنىش كېرەك. بۇ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىرسىيەت گېنى گەرچە ئادەمنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى بەلگىلىسىمۇ، بىراق تەسىر قىلىش رولى %48تىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئادەمنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى تېخىمۇ كۆپرەك ھامىلىدارلىق مەزگىلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، ئانا تېنىدىكى بالىياتقۇ مۇھىتى ئەقىل بۆلۈنمىسىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن.
    بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزىگە ئىشىنىپ: «ئاتا-ئانىسى شۇنچە ئەقىللىق تۇرسا، تۇغۇلغان بالىسىمۇ چوقۇم ناھايىتى ئەقىللىق بولىدۇ»، «ئەقىل بۆلۈنمىسى ئىرسىيىتى بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىدە ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىم، ئاندىن قالسا كېيىنكى تەربىيە قوبۇل دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېيىشىدۇ. بۇ ئىككى خىل قاراش بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەقىقىي مۇھىم نۇقتىنىڭ ئىرسىيەتمۇ ئەمەس، كېيىنكى مۇھىت تەربىيەسىمۇ ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئامېرىكا پىتتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتى ھامىلە تەربىيەسىنىڭ بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولىنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلىگەن بولۇپ قالامدۇ قانداق؟ بۇنىڭ قانداق قايىل قىلىش كۈچى بار؟ جاۋاب: بار. پىتتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ داڭلىق ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت» ژۇرنىلىغا بېسىلغان بولۇپ، بۇ تەتقىقات تۈرىگە قاتناشتۇرۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى 50 مىڭغا يەتكەن. مانا بۇ ئىككى ئىش بۇ تەتقىقاتنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    ھامىلە تەربىيەسىنىڭ بوۋاقلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىگە بولغان ئۈنۈمى.
    تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلە تەربىيەسى قوبۇل قىلىپ باققان بوۋاقلارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كەيپىياتنى كونترول قىلىش جەھەتتە، كەيپىيات ئىپادىسى نىسبەتەن مۇقىم بولىدىكەن. مەسىلەن: بوۋاق يىغلاپ خاپا قىلغان ۋاقىتتا، چوڭلار پەپىلىسە، ئاۋازى دەرھال پەسلەيدىكەن، كۆپىنچە ھاللاردا ھەتتا يىغىدىن توختاپ، ئاۋازنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىزدەيدىكەن.
    بۇنىڭدىن سىرت، بۇ خىل ھامىلە تەربىيەسى قوبۇل قىلغان بوۋاقلارنىڭ سۈت ئەمگەندىن كېيىن ئۇخلىشى نىسبەتەن تېز بولۇپ، ئويغانغاندىن كېيىن كۆزلىرى نۇرلۇق ھەم روھلۇق، ئەقلى ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن. بوۋاقنىڭ پۇت-قوللىرى كۈچلۈك، ھەرىكىتى جانلىق بولۇپ، ئاتا-ئانىلىرى پۇت-قولىنى سىلىغاندا، بوۋاقلار ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ سىلاشلىرىغا ئىنكاس قايتۇرىدىكەن. بوۋاقلار ئولتۇرۇشنى ئۆگەنگەندە، چوڭلار يۆلەپ ئولتۇرغۇزسا، بوۋاقنىڭ بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ كېرىلىش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، دۈم ھالەتتە بېشىنى كۆتۈرەلەيدىكەن. مۇزىكا ھامىلە تەربىيەسى قوبۇل قىلىپ باققان بوۋاقلاردا مۇزىكىغا قارىتا روشەن ياخشى كۆرۈش خاھىشى بولۇپ، يىغلىغان ۋاقىتتا مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىسا، يىغىدىن توختايدىكەن.
    ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاق ھامىلە تەربىيەسى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇنداق ئەقىللىق بولسا، كېيىنچە بوۋاققا تېخىمۇ ياخشى تەربىيە مۇھىتى يارىتىپ بېرىلسە، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئارزۇ قىلغاندەك «تالانت ئىگىسى» بولۇشىغا گەپ كەتمەيدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى