• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دېل ئىككى قوشۇلۇپ بىر قىلىندىغان ئۆزگىرىشچان XPS 13 كومپيۇتېرىنى ئېلان قىلدى

    مەنبە : www.cnbeta.com
    يوللانغان ۋاقىت : 18:56 06-01-2017
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    cnbeta تورى خەۋىرى. XPS 15 دىن باشقا دېل يەنە قارمىقىدىكى XPS 13 ئىككى بىر گەۋدىلەشكەن ئۆزگىرىشچان كومپيۇتېرىنى چىقاردى. بۇ يېڭى كومپيۇتېرغا «كۆرۈش تۇيغۇسى جەھەتتە ئاساسەن رامكىسى بولمىغان» InfinityEdge ئېكران ئىشلىتىلگەن، ئۇ نۆۋەتتە دۇنيادىكى «ئەڭ ئەپچىل» 13 ديۇملۇق خاتىرە كومپيۇتېر ھېسابلىنىدۇ. بۇ كومپپيۇتېرغا سۈزۈك QHD+ ئېنىقلىقتىكى ئېكران سەپلەنگەن، °360 لۇق شارنىر بۇ كومپيۇتېرنى ئەركىن ئايلىنالايدىغان قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قېتىم توك قاچىلىغاندىن كېيىن 15 سائەت ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    بۇ كومپيۇتېرغا ئىنتېلنىڭ 7-ئەۋلاد Core بىر تەرەپ قىلغۇچى (Intel HD Graphics يادرولۇق) سەپلەنگەن، دېل ئۇنىڭ BIOSسىغا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن «باشقۇرۇش دېتالى»نى كىرگۈزگەن. باشقا نېپىز كومپيۇتېرلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ كومپيۇتېرغا شامالدۇرغۇچسىز لايىھە ئىشلىتىلگەن، شۇڭا ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ھېچقانداق ئاۋاز چىقارمايدۇ.

    ساقلىغۇچ جەھەتتە، بۇ كومپيۇتېرغا 16GB RAM + 256GB SSDنى تاللاپ ئورنىتىشقا بولىدۇ. باشقا سەپلىمە جەھەتتە بۇ كومپيۇتېرغا 720pلىق تور كامېراسى (قوش مىكروفون ئورنىتىلغان)، 802.11ac Wi-Fi +كۆك چىش شۇنداقلا ئىستىرىئولۇق ئاۋاز ياڭراتقۇ سەپلەنگەن.

    ئەگەر بۇ كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەندەك ھېس قىلسىڭىز، بايىلا يېڭىلانغان XPS 15نى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭغا 15.6 ديۇملۇق ئېكران، ئىنتېلنىڭ يەتتىنچى ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچى ۋە Nvidia Pascal قۇرۇلمىلىق كۆرسىتىش كارتىسى سەپلەنگەن.

    ئۇنىڭدىن سىرت يېڭى نۇسخىدىكى XPS 15كە بارماق ئىزى سېنزورى سەپلەنگەن، Windows Helloغا مەخپىي نومۇرسىز كىرىشنى قوللايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى