• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتالايدىغان يېمەكلىكلەر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:09 06-01-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گىزىتى خەۋىرى: تۈۋەندە راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتالايدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى.
    1. قارا شاكىلات

    ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، شاكىلات راك ھۈجەيرىسىنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرىدىكەن. تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، شاكىلاتتا كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا بولۇپ، قارا شاكىلاتنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئاكتىپچانلىقى قىزىل ھاراقنىڭ 3 ھەسسىسىگە، پولىفېنول مىقدارى كۆك چاينىڭ 4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئادەتتە، ساپلىق دەرىجىسى %65 تىن يۇقىرى بولغان قارا شاكىلات ئىستېمال قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان بولۇپ، شاكىلات قانچە قارا بولسا، شۇنچە ياخشى بولىدۇ. سۈتلۈك شاكىلات ۋە شاكىلات قىياملىرىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئاكتىپچانلىقى تۆۋەن بولىدۇ.
    2 . سۇدا پىشۇرۇلغان تۈكلۈك پۇرچاق(كۆك پۇرچاق)

    سۇدا پىشۇرۇلغان تۈكلۈك پۇرچاق (毛豆) تەركىبىدىكى ئىزوفلاۋون سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشىچە، تۈكلۈك پۇرچاق يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى ئۆسمىسىنىڭ كېڭىيىشىنى تىزگىنلىيەلەيدىكەن. سۇدا پىشۇرۇلغان تۈكلۈك پۇرچاق يۇمران ھەم تاتلىق بولىدۇ. پۇرچاق سېتىۋالغاندا، ئوچۇق يېشىل، توق، زەخىملەنمىگەنلىرىنى تاللاپ، سۇدا پىشۇرۇپ يېسە بولىدۇ. ھۆل تۈكلۈك پۇرچاقنى ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ئۈچ كۈن ساقلىغىلى بولىدۇ، توڭلىتىپ ساقلىسا نەچچە ئايغىچە بۇزۇلمايدۇ.
    3. پىستە

    ئامېرىكا راك كېسەللىرى تەتقىقات جەمئىيىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، پىستە تەركىبىدىكى γ توكوفېرول ماددىسى ئۆپكە راكىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا ئاق لويلا ئالكوھولى (رېسىۋىراتول) بولۇپ، مىقدارى قىزىل ھاراقتىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇش ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆسۈملۈك سېتىرولى يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى ئاسرايدىكەن. پىستىنىڭ تەمخۇرۇچ قوشمىغىنىنى سېتىۋېلىش ھەمدە بىر كۈندە بىر سىقىمدىن ئارتۇق يېمەسلىك كېرەك.
    4. قۇرۇق چىلان

    قۇرۇق چىلان تەركىبىدىكى مول يېمەكلىك تالالىرى ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە β كاروتىن ۋە سىئانىدىن قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار مول بولۇپ، ئۇلار ئەركىن رادىكالنىڭ بەدەننى زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلايدۇ. يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇق چىلان ئانىلىق ھورمۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئۆزگەرتىپ، سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىنكەن. قۇرۇق چىلاننىڭ قەنت تەركىبى ئەسلىدىنلا يۇقىرى بولغاچقا، شېكەر، رەڭ ماددىسى قوشۇلمىغان تەبىئىي چىلاننى يېيىش لازىم. زىيابىتۇس(دىيابېت) كېسىلى بىمارلىرى ۋە ئورۇقلىماقچى بولغانلار ئىمكانقەدەر چىلان يېمەسلىكى كېرەك.
    5. تاسقالمىغان بۇغداي ئۇنىدا تەييارلانغان پېچىنە

    بۇ يېمەكلىك تالاسى يۇقىرى يېمەكلىك بولۇپلا قالماي، تويۇنۇش تۇيغۇسى بېرىدۇ، يەنە ئورىزانول ۋە لىگناننىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى بولۇپ، بۇ ماددىلار ھورمۇنغا مۇناسىۋەتلىك راك كېسەللىرى، مەسىلەن، سۈت بېزى راكى، مەزى بېزى راكى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇغدايدىن ياسالغان پېچىنە تاللىغاندا، ئاۋۋال يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق كۆرسەتمىسىگە قاراش كېرەك. ئوزۇقلۇق كۆرسەتمىسىدىكى قارا ئاشلىق، تېرىق، يۇقىرى تالالىق، دانلىق زىرائەت دېگەنلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇغدايدىن ياسالغان پېچىنە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ ئالدىنقى 3 تۈرى تاسقالمىغان بۇغداي ئۇنىنىڭ بولسا، ئاندىن تاسقالمىغان بۇغدايدىن ياسالغان پېچىنە ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
    6. قىزىلجىق(蔓越莓) قېقى

    تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، قىزىلجىق قېقى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش كېسىلىنى ساقايتالايدىكەن. ئامېرىكا كوننېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، قىزىلجىق سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدىكەن. «ئەنگلىيە ئوزۇقلۇق ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، قىزىلجىق مەزى بېزى راكىغا مەنپەئەت قىلىدىكەن. تەبىئىي ئاناناس شەربىتى ياكى قەنت ئاز قوشۇلغان قىزىلجىق قېقىنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى