• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدىغان 5 قاراش:

    مەنبە : www.yarp.net.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 17:27 06-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدىغان 5 قاراش:

    1. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم تېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەت ياشىيالايدۇ.

    توردا تارقىتىلغان تەكشۈرۈش قەغەزلىرىدىكى «ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم تېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قانچىلىك ياشىيالايدۇ» دېگەن سوئال ئەڭ كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغايدىغان سوئاللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، %30 تورداش «ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم تېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەت ياشىيالايدۇ» دېگەن جاۋابنى توغرا دەپ قارىغان.

    مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا قارىتا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم تېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بەكلا ئاجىزلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم تېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قانچىلىك ياشىيالايدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق. بىراق، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سىرتقى مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا، مۇھىت ئارقىلىق يۇقۇش ئېھتىماللىقى زىيادە تۆۋەن بولىدۇ. قايناۋاتقان سۇ كېسەللىك ۋىرۇسىنى شۇ ھامان ئۆلتۈرىۋېتەلەيدۇ.

    2. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى چېقىۋالغان پاشا ساق ئادەملەرنى چېقىۋالسا يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ.

    «سىزنىڭچە، ئەيدىز ۋىرۇسى تۆۋەندىكى يوللارنىڭ قايسىسى بىلەن يۇقىدۇ؟» دېگەن تاللاش سوئالىدا، %50 تورداش «ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى چېقىۋالغان پاشا ساق ئادەملەرنى چېقىۋالسا يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ» دېگەن جاۋابنى توغرا دەپ قارىغان.

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە قان ئارقىلىق، شۇنداقلا يەنە ئانا تېنىدىن بالىغا يۇقىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالغان. ھازىرچە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ پاشا قاتارلىق ھاشارەتلەر ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق دەلىل-ئىسپات يوق.

    3. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بالىلىق بولسا بولمايدۇ.

    ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرىدىن بىرى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، %90 تورداش «ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار بالىلىق بولسا ۋە بالىسىنى ئېمىتسە بولمايدۇ» دەپ قارايدىكەن.

    كىلىنىكىدا، نۇرغۇن بىمارلار ھامىلىدار بولۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان. چېن يوۋپېڭ مۇدىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلغان ئەھۋال ئاستىدا بالىلىق بولسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ناۋادا ئەر تەرەپ كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئايال تەرەپ يۇقۇملانمىغان ئەھۋالدا بالىلىق بولۇش ئارزۇسى بولسا ھەر ئىككى تەرەپ داۋالىنىشى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك.

    4. ئايال ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ.

    ئەر ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كېسەللىك ۋىرۇسىنى ئاسانلا يۇقتۇرۇپ قويىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئۇنداقتا، ئايال ھەمجىنسىلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتچۇ؟ «ئەيدىز ۋىرۇسى قايسى خىل جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئەڭ ئاسان يۇقىدۇ؟» دېگەن تاللاش سوئالىدا ھېچقانداق ئادەم «ئايال ھەمجىنىسلار ئارىسىدىمۇ يۇقىدۇ» دېگەن جاۋابنى تاللىمىغان. ئەجىبا، ئايال ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت كېسەل يۇقتۇرمامدۇ؟

    بۇ سوئالنىڭ جاۋابى «ياق». چېن يوۋپېڭ مۇدىر ئايال ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن كېسەل يۇقۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، بىراق، بۇنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋەتتە كېسەل يۇقمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئايالللار ئارىسىدا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئايال ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    5. گاندون ئىشلەتسە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

    «سىزنىڭچە، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا، گاندون ئىشلەتسە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟» دېگەن سوئالغا %80 ئادەم «مەلۇم جەھەتتە رولى بولۇشى مۇمكىن، بىراق، يەنىلا خەتەرلىك» دېگەن جاۋابنى تاللىغان.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ناۋادا سۈپىتى لاياقەتلىك، قېلىپلاشقان كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان گاندوننى توغرا ئۇسۇل بىلەن ئىشلەتسە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان ھەرقانداق ئادەم چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى