• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    نېمە ئۈچۈن ھەمجىنىسلار ئاسانلا AIDS كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟

    مەنبە : www.yarp.net.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 17:25 06-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تەتقىقاتلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئەر كىشىلەر ئارىسىدىكى يۇقۇش نىسبىتىنىڭ 1-ئورۇندا، ئەردىن ئايالغا يۇقۇش نىسبىتىنىڭ 2-ئورۇندا، ئايالدىن ئەرگە يۇقۇش نىسبىتىنىڭ 3-ئورۇندا، ئايالدىن ئايالغا يۇقۇش نىسبىتىنىڭ 4-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بايقالدى.
    HIV ۋىرۇسىنىڭ ئەردىن ئەرگە يۇقۇش نىسبىتى 1/10 دىن 1/1600 گىچە بولىدۇ، يەنى بىر ساغلام ئەر HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يەنە بىر ئەر بىلەن 10 قېتىم مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بىر قېتىم HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. مانا بۇ ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئاسانلا HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى. HIV ۋىرۇسىنىڭ ئەردىن ئايالغا يۇقۇش نىسبىتى 1/200—1/2000، ئايالدىن ئەرگە يۇقۇش نىسبىتى 1/700—1/3000 بولىدۇ. ھازىرچە، ئايالدىن ئايالغا يۇقۇش نىسبىتى تېخى ئېنىق سىتاستىكا قىلىنمىدى.
    مەيلى تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولسۇن، مەيلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولسۇن، جىنسىي مۇناسىۋەت HIV ۋىرۇسى تارقىلىشىنىڭ ئاساسلىق يولى. بىراق، بۇ ۋىرۇسنىڭ باشقا يوللار بىلەن يۇقۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى. ھەرخىل سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، HIV ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى %48-%13 بولىدۇ. ناۋادا، بىمارلارنى داۋالاش جەريانىدا، HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قان داۋالاش خادىملىرىنىڭ تېرىسىگە تېگىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى پەقەت %0.3 بولىدۇ. بىراق، HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قان سېلىنغاندىن كېيىن يۇقۇش نىسبىتى %100-%90 بولىدۇ.
    يەنە بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە، HIV ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشى يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇم مۇددىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. كېسەل بايقالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا كېسەل يۇقۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، يەنى %10-%5 بولىدۇ.
    ئەر ھەمجىنىسلار HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، كېسەلنىڭ قارشى تەرەپكە يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى %30-%10 بولىدۇ. HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئوتتۇرا مەزگىللەردە، كېسەلنىڭ قارشى تەرەپكە يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى %0.1-%0.01 بولىدۇ. بىراق، يۇقۇملىنىشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇش نىسبىتى %1-%0.1 بولىدۇ.
    ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئادەتتە قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟
    بىر ساغلام ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان جەريانىنى 3 باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. 1-باسقۇچ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش مەزگىلى. يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئاز بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلاردا يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى، مەسىلەن قىزىش، بوغۇز ياللۇغى، ئەسۋە، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 3-2 ھەپتىدىن كېيىن، بۇ ئالامەتلەر ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.
    2-باسقۇچ، ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدىغان مەزگىل. بۇ باسقۇچ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان جەرياننىڭ %80 نى ئىگىلەيدۇ. بۇ مەزگىلگە كىرگەن بىمار ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بىمارنىڭ تاشقى قىياپىتى نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش كۆرۈنىدۇ، ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بايقالمايدۇ. بىراق، بۇ ۋاقىتتا، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا كېسەلگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولىدۇ.
    ئەيدىز ۋىرۇسى ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرىلەرنى يوقىتىۋېتىدۇ. گەرچە بۇ مەزگىلدە، يىلىكنىڭ يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىش سۈرئىتى نەچچە ھەسسە تېزلىتىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى ھۈجەيرىنىڭ تولۇقلاش سۈرئىتى ھۈجەيرىلەرنىڭ يوقىلىش سۈرئىتىگە يېتىشەلمەيدۇ. نورمال ئادەم بەدىنىدىكى بىر مىللىلېتىر قاننىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن 800 دىن 1000 گىچە ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە بولىدۇ. بىراق، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى ھەر مىللىلېتىر قاننىڭ تەركىبىدىكى ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە يىلىغا 70-50 كىچە ئازىيىپ ماڭىدۇ. بىر مىللىلېتىر قان تەركىبىدىكى ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە سانى 200 گە ئازلىغاندا، ئازىيىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدىغان مەزگىلى ئاز بولغاندا 2 يىل، كۆپ بولغاندا، 20 يىل بولىدۇ. بۇ مەزگىلنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى يۇقۇش يولى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە، قانۇنسىز قان ئېلىش ۋە ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 5-4 يىل، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 13-11 يىل بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر يۇقۇملانغۇچىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن مۇددەت 13 يىلغا يەتكەن بولسا، بۇ يۇقۇملانغۇچى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرالمىغاندا، بىمار يۇقۇملىنىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە بۇ مەزگىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدىغان مەزگىل دەپ ئاتىلىدۇ، بىمارمۇ بۇ ۋاقىتتا ئەيدىز كېسىلى بىمارى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئۇلار ئاسانلا باشقا كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىغا ھېچقانداق خەۋپ يەتكۈزەلمەيدىغان ئادەتتىكى يۇقۇملۇق كېسەل ھېسابلىنىدىغان ئۆپكە ياللۇغى ئەيدىز بىمارىغا يۇققاندىن كېيىن، كونترول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىرلىشىپ، 24-6 ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بىمارنى ھاياتىدىن ئايرىيدۇ.
    مۇتەخەسسىسلەر ئەيدىز بىمارلىرىدا، قوقاق، مېڭە پەردە ياللۇغى، راك كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركليۇزى، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىدى. بەدەن ئېغىرلىقى 100 جىڭدىن ئارتۇق كېلىدىغان قورامىغا يەتكەن بىر ئەر كىشىنىڭ ئېغىرلىقى كېسەل سەۋەبىدىن 70 نەچچە جىڭغا چۈشۈپ قالىدۇ، كۆزى ئولتۇرۇشىدۇ، مۇسكۇللىرى قىسقىرايدۇ، نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىدۇ، تېرىسى چىدىغۇسىز دەرىجىدە قىچىشىدۇ. يەنە بەزى بىمارلاردا، دېۋەڭلىك كېسىلى، ئېسىنى يوقىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەيدىز بىمارلىرى قازا قىلىشتىن ئىلگىرى بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى