• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    قىش پەسلىدە ئاشقازاننى ئىللىتىدىغان تۆت خىل كۆكتات

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:53 06-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1. كاۋا ئاشقازاننى قوغداش ۋە ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. كاۋىنىڭ تەركىبىدە مول مېۋە پېكتىنى بولۇپ، مېۋە پېكتىنى ئاشقازاننى قوغداش ۋە ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. ئەتىگەنلىك ناشتىدا كاۋا سېلىنغان ئۇماچ ئىچكەندە ياكى كەچلىك تاماقتا ئانچە–مۇنچە كاۋىنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى ئوزۇقلاندۇرغىلى بولىدۇ.

    2. كاپۇستا ئاشقازان شىللىق پەردە توقۇلمىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
    كاپۇستا ئاشقازاندا يارا پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە ئاشقازان شىللىق پەردە توقۇلمىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كاپۇستا ئاشقازان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. كاپۇستا ئاشقازان يارىسى ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

    3. سەۋزە تال ۋە ئاشقازاننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
    سەۋزىنىڭ تەركىبىدە مول كاروتىن بولىدۇ، كاروتىن ياغدا ئاسان ئېرىيدۇ، سەۋزە بىلەن گۆشنى بىرلىكتە پىشۇرغاندا ئاشقازاننى ئىللىتقىلى بولىدۇ.

    4. تاتلىقياڭيۇ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ. تاتلىقياڭيۇنى قاقلاپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ، سۇدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئەمما تاتلىقياڭيۇ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى