• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    پۇتىن ئامېرىكا يۈرگۈزگەن جازاغا نېمە ئۈچۈن پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلدى؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:33 06-01-2017
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكا بىلەن بولغان كۈچ سىنىشىشتا قەتئىي يول قويماسلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2016– يىل 12– ئاينىڭ 30– كۈنى ئويلىمىغان يەردىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ سەل ئىلگىرى ئېلان قىلغان رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ‹‹پەرۋاسىز›› پوزىتسىيە تۇتتى.

    ئوباما ئامېرىكا ئومۇمىي سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى باھانە قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئاخبارات، خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈپ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق 35 دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەم رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىككى جايدىكى ئۆي– زېمىنىنى تاقىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇئان ئەيىبلەش باياناتى ئېلان قىلمىدى، شۇنداقلا دەرھال جازاغا قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئېلان قىلمىدى.

    تاراتقۇلار رۇسىيەنىڭ قانداق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بەس– بەستە پەرەز قىلىۋاتقاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ پۇتىنغا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدىكى 35 دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى ھەم ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئورگىنىنىڭ رۇسىيەدىكى ئىككى جايدىكى ئۆي– زېمىنىنى تاقىۋېتىش تەكلىپى بەردى.

    ئەمما، پۇتىن باراۋەرلىك پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇ تەكلىپنى قوللانماي، ئامېرىكىغا ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللانماسلىقنى، لېكىن ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. پۇتىن يەنە ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى كىرېمل سارىيىغا يېڭى يىل ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى ھەم ئوباما، ئامېرىكىنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى ترامپ ۋە ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

    ئىزچىل قاتتىق قول بولۇپ كېلىۋاتقان پۇتىن رەھىمدىللىك ۋە كەڭ قورساقلىق قىلىپ، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنى ھەيران قالدۇردى، ئۇلار ‹‹پۇتىننىڭ بۇنداق غەلىتە قارار چىقىرىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ›› دەپ قارىدى. لېكىن، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئامېرىكىنىڭ بىرنەچچە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ‹‹ئەخمەق›› دەپ مەسخىرە قىلدى، شۇنداقلا پۇتىننىڭ ‹‹پاراسىتى››ىنى تەرىپلىدى.

    پۇتىننىڭ قارارى ئويلىمىغان يەردىن چىققاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئوباما ئاقسارايدا تۇرغان سەككىز يىلدا، ئامېرىكا– رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋېتى دەسلەپكى ‹‹مۇناسىۋەتنى قايتا باشلاش››تىن توختىماي چېگىشلىشىشكە يۈزلەندى. ئەمدى ئوباما ئاقسارايدىن ئايرىلىدۇ، قارىماققا ‹‹رۇسىيەگە دوستانە›› پوزىتسىيە تۇتىدىغان ترامپ تەختكە چىقىدۇ، رۇسىيە تەبىئىي ھالدا كەلگۈسىگە تولۇق ئۈمىد باغلايدۇ.

    مۇشۇ نۇقتىدا، ئوبامانىڭ تەختتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ رۇسىيەگە يېڭى جازا يۈرگۈزۈشى روشەنكى ترامپنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىغا قەستەن توسالغۇ پەيدا قىلغانلىق. ئەگەر پۇتىن قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللانسا، دەل ئوباما ئارزۇ قىلغاندەك ئىش بولىدۇ. قانداقلا بولسۇن، رۇسىيەنىڭ قارشى تۇرۇش تەدبىرىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتنى تەختكە چىقىش ئالدىدا تۇرغان ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇڭا، پۇتىننىڭ قاتتىقنى يۇمشاق بىلەن يېڭىش، ھەرىكەتنى جىمجىتلىق بىلەن تىزگىنلەش ئۇسۇلى بىر خىل ‹‹پاراسەت››نىڭ ئىپادىسىدۇر.

    پۇتىننىڭ بۇ ئۇسۇلى، بىر تەرەپتىن، ئوبامانى ‹‹كۆزگە ئىلمىغانلىقى››، يەنە بىر تەرەپتىن، ترامپقا ھەيدەكچىلىك قىلغانلىقى. قانداقلا بولسۇن، رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشى يەنىلا ترامپنىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە قاراشلىق بولىدۇ. پۇتىن باياناتىدا: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرى ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى دىپلوماتىيە فاڭجېنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، دەپ تەكىتلىدى. ترامپ تەختكە چىقمىغان ئەھۋالدا، پۇتىن ئۇنىڭغا ‹‹ئادەمگەرچىلىك›› قىلدى، ئەمدى ترامپنىڭ قانداق قىلىشىغا قاراش كېرەك.

    ترامپ كوللېكتىپى بىلەن رۇسىيە دائىرىلىرى يېقىندا رۇسىيە– ئامېرىكا مۇناسىۋېتىنى تەڭشەشنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ‹‹مېھىر– مۇھەببەتنى ئىپادىلەش›› ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا: پۇتىن يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى ۋە يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا غەرب دۆلەتلىرىنى ئىلگىرىكىدەك قاتتىق تەنقىد قىلمىدى؛ ترامپ رۇسىيە ‹‹دوستلۇق مېدالى››غا ئېرىشكەن ئامېرىكىنىڭ نېفىت ماگناتى تىللېرسوننى دۆلەت كاتىپىلىققا كۆرسەتتى، يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا پۇتىن ئەۋەتكەن مىلاد بايرىمىلىق تەبرىك خېتىنى ئېلان قىلدى.

    تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئوباما ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ترامپنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش پوزىتسىيەسى ئېنىق بولغاچقا، ئوبامانىڭ يېڭىدىن يۈرگۈزگەن جازاسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋېتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك بولىدۇ؛ پۇتىننىڭ پەرۋاسىزلىقىغا ترامپنىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى رۇسىيە– ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە باغلىغان ئۈمىدى سەۋەب بولغان.

    بىراق، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئاساسلىق سىياسىي سەرخىللىرى پۇتىنغا ئومۇميۈزلۈك دۈشمەنلىك قاراشتا بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن پۇتىننىڭ ئادەمگەرچىلىكىنى قانچىلىك قايتۇرۇشى يەنىلا ئېنىق ئەمەس.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى