• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنى قانداق قۇتۇلدۇرىمىز؟

    مەنبە : www.yarp.net.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 18:51 05-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    1. ئەيدىز بىمارلىرى يارىلانغاندا، قۇتقۇزغۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بەدىنىدە يارىلانغان جاي بار ياكى يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. تەكشۈرگەندە، بارماق، باشمالتاق بىلەن بىگىز قولنىڭ ئارىلىقى، ئوشۇق قاتارلىقلارغىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك.

    2. ئۆزىدە ھېچقانداق يارا يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىلا ئاندىن ئەيدىز بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشىشكە بولىدۇ.

    3. شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى پەلەي كىيىۋېلىش، ئامال بار بىمارنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى، دەسلەپكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، جىددىي قۇتقۇزۇش ئورۇنلرىىغا تېلېفون قىلىپ، تىببىي خادىملارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈش كېرەك.

    4. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قايسى يېمەكلىكلەرنى يېسە ئەڭ مۇۋاپىق؟

    سېرىق پۇرچاق: سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە مول ئاقسىل بولغاندىن باشقا، يەنە سېلىن مىقدارى كۆپ. سېلىن ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. سېرىق پۇرچاق تەركىبىدىكى باشقا ماددىلار ئەيدىز ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش رولىنى ئويناپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    لامىنارىيە: لامىنارىيە تەركىبىدە يود مىقدارى كۆپ. يودلۇق بىرىكمىلەر ياللۇغلىنىشتىن ئاجرىتىپ چىقىرىلغان ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئەيدىز كېسىلىنى مەلۇم دەرىجىدە كونترول قىلىدۇ. يود تەركىبىدىكى سۇلفولىپىد ئادەم بەدىنىدىكى ئىممونېتىتلىق ھۈجەيرىلەرنى قوغداپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلايدۇ.

    غاز قېنى: غاز قېنى تەركىبىدىكى ئىممۇنوگلوبۇلىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنېتىت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قان تەركىبىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارىنى تېزلىتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

    سامساق: سامساق تەركىبىدىكى باكتېرىيە يوقىتىش ئېلېمېنتىنىڭ ھۈجەيرىلەرنى يوقىتىش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەرخىل ۋىرۇسلارغا قارشى تۇرۇش رولى بار. سامساق تەركىبىدىكى رېككىتسىيەنىڭمۇ مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بار. دائىم سامساق يەپ بەرگەندە، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى سامساققا كىرگەندىن كېيىن، 5 مىنۇتقا قالماي ئۆلۈپ قالىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا سامساقنى كۆپ يەپ بەرگەندە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    تەرخەمەك: تەرخەمەكتىكى كاروتېن C نىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، راك ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش رولى بار. تەرخەمەك تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە.

    ئاچچىق كاۋا: ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاچچىق كاۋا ئاقسىلى ئادەم بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش رولىغا ئىگە. ئامېرىكا ئالىملىرى 50 ئەيدىز بىمارىغا ئاچچىق كاۋا ياكى تەركىبىدە ئاچچىق كاۋا شەربىتى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈش ئارقىلىق ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى