• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سوغۇقتىن قورقىدىغان دورىلار

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:17 05-01-2017
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    قىياملىق ياكى قىيام دورىلار: قىياملىق ياكى قىيام دورىلار تۈۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلانسا ئېرىشچانلىقىغا تەسىر يېتىپ چۆكمە ھاسىل بولىدۇ- دە، داۋالاش ئۈنۈمىگە دەز كېتىدۇ، بۇنداق دورىلارنى ئەڭ ياخشىسى تېمپېراتۇرىسى 10 دىن 30 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان مۇھىتتا ساقلاش كېرەك.
    مەلھەم: سىرتتىن ئىشلىتىدىغان مەلھەم دورىلارنى تۈۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن بولسا مەلھەمدە خىمىيەلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا بۇ خىل دورىلارنى كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشمەيدىغان يەردە مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىدا ساقلاش كېرەك.
    پۈركىمە دورىلار: پۈركىمە دورىلارنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلىمىغان ياخشى، بولمىسا دورىنى راۋان پۈركىگىلى بولمايدۇ، چۈنكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا دورىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا بۇنداق دورىلارنى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن، كۈن نۇرى چۈشىدىغان ئورۇندا ساقلاش كېرەك.
    ئىنسۇلىن: ئىنسۇلىن يىڭنىسىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، تاشقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىپ بولغان ئوكۇل سۇيۇقلۇقى توڭلاتقۇغا سېلىنسا ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. توڭلىتىپ ساقلانغان ئىنسولىننى نورمال تېمپېراتۇرا بىلەن ئۇچراشتۇرۇپلا بەدەنگە ئۇرۇلسا، ئوكۇل سېلىنغان يەردە ئاغرىق پەيدا بولىدۇ؛ شۇڭا ئاغزى ئېچىلمىغان ئىنسولىننى تېمپېراتۇرىسى 2- 8 گىرادۇسقىچە مۇھىتتا، ئېغىزى ئېچىلغان بولسا تېمپېراتۇرىسى 30 گىرادۇستىن تۆۋەن، كۈن نۇرىدىن خالىي مۇھىتتا ساقلاش كېرەك.
    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى