• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرىمىز؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:20 05-01-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۇ مەن ئۇچراتقان ئەڭ ياخشى جاۋاب! بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ ھەر خىل چالغۇ ئەسۋابلارنى چېلىشنى، رەسىم سىزىشنى ياكى ئۇسۇل ئويناشنى مەشىق قىلىدۇ، بىراق ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلالايدىغانلار ئۇنچە كۆپ ئەمەس، زور كۆپچىلىكى يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئاتا- ئانىلارنىڭ مەسىلىسىدۇر. چۈنكى ئاتا- ئانىلار بالىلارغا قانداق ئالاھىدىلىك يېتىلدۈرۈش، قانداق ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى تېخى ئېنىق تونۇپ يېتەلمىگەن.
    ئەمەلىيەتتە، بىز بالا تەربىيەسىدە بالىلارغا مەلۇم بىر ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈشنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا بىرەر نەرسە ئۆگىتىشنى مەخسەت قىلىمىز. ئۇنىڭ ئۆگىنىپ ھەقدادىغا يېتىشىنى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس دەپ قارايمىز. بىز ئۇلارغا مەلۇم بىر ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ ئۆگىتىمىز. بۇنىڭدىكى چىقىش نوقتىمىز بالىلارنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى بىلەن بىللە يەنە ئۇلاردا قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، غەم- ئەندىشىلەردىن قۇتۇلۇش، ئوسال مىجەزىنى يېڭىش، ئۆزىنىڭ ئىش قىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق ئادەم بولۇشتىكى ياخشى ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
    بىرىنچى: ئاتا- ئانىلارنىڭ پوزىتسىيەسى بالىلارنىڭ پوزىتسىيەسىنى بەلگىلەيدۇ.
    بالىسىنى پىيانىنو ئۆگەتكىلى ئاپارغان ئاتا- ئانا باشقىلارنىڭ بالىسىغا قاراپ بالىسىنى ئەيىبلەپ: ماڭا ئاسانمۇ؟ ھەر ھەپتە سېنى پىيانىنو ئۆگەنگىلى ئەكىلىمەن، مېنىڭ ۋاقتىم ئىسراپ بولىدۇ، بۇنى ئاز دەپ سەن ياخشى مەشىق قىلمايسەن، يەنە نۇرغۇن پۇل خەپلەپ قاتناشتىڭ، بۇ ئەرزىمدۇ؟ ئەگەر ئۆگىنىشنى خالىمىساڭ، بولدى ئۆگەنمە دەيدۇ.
    ئاتا- ئانىلار بۇنداق گەپ قىلسا، بالىلار قانداق ئويلايدۇ؟ ئۇلار چوقۇم، مېنىڭ ئەسلىدىنلا بۇنى ئۆگەنگۈم يوق ئىدى، مېنى بۇ زېرىكىشلىك نەرسىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغان ئۆزۈڭلار، دەپ ئويلايدۇ. بالا ئۆزىنىڭ بۇ نەرسىنى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلىقىنى قەتئىي بىلمەيدۇ. ھەتتا بەزى ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆزىمۇ بالىسىغا نېمە ئۈچۈن بۇ نەرسىلەرنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنى بۇنىڭغا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاتا- ئانىلار باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ بۇ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپلا، بالىلىرىنى ئۇنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلايدۇ.
    نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئاتا- ئانا بولغۇچىمۇ بىلمىسە، بالىلار ئۇنى قانداقمۇ داۋاملاشتۇرۇپ قىلالىسۇن؟ ئەگەر بىر ئادەم مەلۇم ئىشنى نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىسە، قانداقمۇ ئۇنى داۋاملاشتۇرالىسۇن.
    بۇ دۇنيادا جاپانى، ئاۋارىچىلىكنى، سەۋر تەلەپ قىلىدىغان ئىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا- ئانىلار بۇ ئۇچۇرنى بالىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ چوڭلار ئۇنچە سەۋرچان ئەمەس، ئۇلارمۇ بۇ نەرسىلەرنى بالىلىرىغا نېمە ئۈچۈن ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىرىنىڭ ۋاز كېچىشىدىن خۇش بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا چوڭلار بالىلارغا ئەركىنلىك بەردۇق دېگەننى باھانە قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تېپىۋېلىشنى خالىمىغانلىقتىن، بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بىلەن ئىرادىسىنى يېتىلدۈرىدىغان پۇرسەتتىن ۋاز كېچىدۇ.
    ئىككىنچى: ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش مەقسىتىنى ئېنىق قىلىشى كېرەك.
    پىيانىنو چېلىشنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، قىسقا بىر مۇزىكىنى چېلىش ئۈچۈن نەچچە ئاي مەشىق قىلىدۇ. بىراق مەيلى قار- يامغۇر ياغسۇن ياكى بوران چىقسۇن، قىزىم ئىككىمىز دەرس تاشلاپ باقمىدۇق. مەن بۇ ئارقىلىق بالامغا ئىشنى ئەستايىدىل قىلىشنى ئۆگەتتىم، ئىشنى ئەستايىدىل قىلىشنىڭ تەمىنى تېتىتتىم. ھەر قېتىم مۇئەللىم دەرس سۆزلىگەندە مەن ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇردۇم. بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا بۇ ئىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردۇم ھەم مۇئەللىمىنى ناھايىتى ھۆرمەتلىدىم، بۇنداق قىلغاندا بالىمۇ مۇئەللىمىنى ھۆرمەتلەيدىغان ھەم ئۇنىڭ تەنقىد، پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ.
    قىزىمنى تېلېزور پىروگراممىلىرى ئازدۇرۇپ، پىيانىنو چىلىشنى مەشىق قىلمىغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى دەپ بېرىمەن. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ نەپىسىنى يېڭىشنىڭ ئۇسۇلى بارلىقىنى، پەقەت ئۆزىنى كونترول قىلسىلا شۇ ئۇسۇلنى تاپالايدىغانلىقىنى دەپ بېرىمەن. ھەر قانداق ئىشتا مۇنداقلا قىلىپ قويسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ قويىمەن.
    مەن ئۇنىڭغا ئېنىق قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ ئۇنى پىيانىنوچى قىلىپ تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلمىغانلىقىمنى ئېيىتتىم. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، ئۇ بىر نەرسىنى بىلمەسلىكتىن پىششىق ئۆگىنىپ ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بولغان ئارىلىقتىكى كەچمىشلەرنى، جاپا- مۇشەققەتلەرنى تېتىپ، بۇ جەرياندا نەپسىدىن قانداق ۋاز كېچىش ۋە كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. چۈنكى بۇ دەل ئۇ كېيىن باشقىلار بىلەن رىقابەتلەشكەندە ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىر خىل چىدام بىلەن رىقابەتلىشىش كۈچىنى ھازىرلايدۇ.
    قىزىمنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىكى مۇھىم ئىشنىڭ ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ سالاھىيەتكىمۇ ئېرىشىشنىڭ ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى تىرىشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى دەيمەن.
    بۇ مۇسابىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يەنە بىر ئىشنى، يەنى بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بالىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن.
    مەن ئۇنى بىرىنچى بولغىنىدىن خۇش بولما دېمەيمەن، مەن ئۇنى ئۆزىنىڭ تىرىشقانلىقى ۋە چوڭ بولغانلىقىدىن خۇش بولسا دەيمەن، مەن ئۇنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى، بۇنىڭ مەن ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىمەن. ئەگەر سىز ئۇنىڭ پىيانىنو مەشىق قىلغاندىكى ئىرادىسى بىلەن چۈشەنچىسىنى جارى قىلدۇرالىسىڭىز، ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلەيدۇ.

    ئۈچىنچى: بالىلارنىڭ مەلۇم بىر ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆگىتىش. مەن بۇ يەردە، بالىلارغا بىرەر نەرسىنى مەلۇم بىر ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆگەتمەي، بەلكى ئۇنىڭ مەلۇم بىر ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆگىتىشىمىز كېرەك.
    ئۆگىنىش بىر خىل ئالاھىدىلىك يېتىلدۈرۈش ۋاسىتىسى، بىراق ئۇ يېتىلدۈرۈش مەقسىتى ئەمەس. بىر بالىنىڭ ئالاھىدىلىكى قانچە جىق بولسا، رىقابەت كۈچى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ دېگەنلىكمۇ ئەمەس. بۇ دېگەنلىك بالىلارغا مەلۇم بىر خىل ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە يەنە، ئۇنى قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدىغان، ئىزىتقۇلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان، ناچار كەيپىيات ئۈستىدىن غەلىبە قازىنالايدىغان، ئۆزىنىڭ ئىش قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغان ئادەم بولۇشتىكى گۈزەل ئەخلاق- پەزىلەتلەرنىمۇ يېتىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
    بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا مەلۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ساپاسىغا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر، بۇ خىل ساپا بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئالاھىدىلىك يېتىلدۈرگەندىن باشلىنىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى چەكلەش ۋە ئۆز- ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ئىقتىدارىغا موھتاج. ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلمەيدىغان ئاتا- ئانا ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بالا تەربىيەلەپ چىقالمايدۇ. سۆزى بىلەنمۇ، ھەرىكىتى بىلەنمۇ تەربىيە بېرىش پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.
    ئەمەلىيەتتە، بالىلارنى كىچىك ۋاقتىدا ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش، نېمە قىلىشى بىلەن كارى بولماسلىقنىڭ ئۆزىنى ئاكتىپ، ئۈنۈم تەربىيە ئۇسۇلى دېگەن تەربىيە ئۇسۇلىغا قوشۇلمايمەن. ئۇ قاراش قارىماققا قويۇۋېتىش تەربىيەسىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ، بىراق بۇ ئاتا- ئانىلارنىڭ بوشاڭلىقىدىن بولغان. پەرزەنت تەربىيەسىدە ئەسلىدە بالىنى سىرتى بوش، ئىچى چىڭ تۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، بالىلارنىڭ گۆدەك قىلمىشلىرىنى مەيلىگە قويۇۋېتىش، بىراق ئۇلارنىڭ ئىدىيە تەربىيەسىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۆگىنىشنىلا چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيە تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن تەربىيە، قارىماققا ناھايىتى قاتتىق تۇرغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ بوش قويۇۋېتىش ھېسابلىنىدۇ.
    ئەگەر بالىڭىزنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۇنداقتا بالىڭىزنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئۇسۇللارنى تېپىپ ئۇنى يېتىلدۈرۈڭ. مەسىلەن: شاھمات ئويناش ئۇنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى چېنىقتۇرىدۇ. بۇنىڭدىكى ئېنىق نىشان، ئۇنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ياشاش رىقابىتىگە ئىگە ئادەم قىلىپ يېتىلدۈرۈشتۇر.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى