• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئوباما بىر ئائىلە كىشىلىرى سەككىز يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن ئاقسارايدىن كۆچتى

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:43 05-01-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو گېزىتى تورىنىڭ 5-يانۋار خەۋىرى، « ۋاشىنگىتون كۆزەتكۈچى گېزىتى » تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 4–يانۋار بىر ئۆي كۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ئاق ساراينىڭ سىرتىدا توختىتىلغان بۇلۇپ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما سەككىز يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە خىزمەت قىلغان بۇ جايدىن ئايرىلىدىكەن.
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ ئاقسارايدىكى مۇخبىرى مىچىل كېسىنجىر تىۋىتىردا بۇ ئۆي كۆچۈرۈش ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئالاھىدە ئېلان قىلغان. سۈرەتتە بۇ ئۆي كۆچۈرۈش ئاپتوموبىل ئاقساراينىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئىچىدىكى غەربىي مەمۇرىيەت چوڭ يولدا توختىتىلىپ قۇيۇلغان بۇلۇپ، بۇ جاينىڭ ئورنى ئەيسىنخوۋىر مەمۇرىيەت بىناسى بىلەن ئاقساراينىڭ غەربىي يان تەرىپىگە توغرا كېلىدىكەن، ئۆي كۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ ساندۇقىدا ئۆي كۆچۈرۈش شىركىتىنىڭ ئىسمى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن.
    ئېلان قىلىنغان دوكىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئوباما بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاق سارايدىن ئايرىلىپ ۋاشىنگتوننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بايلار رايونىغا كۆچۈپ بارىدىكەن. يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ قىزى ئىۋانىكا ۋە ئۇنىڭ يولدىشىمۇ يېقىندا بۇ رايوندىن بىر ئۆي سېتىۋالغان ئىكەن.

    يىڭىدىن سايلانغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ 1–ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدۇ. ئۆي كۆچۈرۈش ئىشچىلىرى چوقۇم ئۇنىڭدىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ شەخسىي بۇيۇملىرىنى ئاق سارايدىن كۆچۈرۈپ كېتىشى كىرەك.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى