• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئىككى ياشقا تولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:32 05-01-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مۇلازىمەتچى لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان تېز سۈرئەتلىك پويىزدا يولۇچىلارغا چاي قۇيۇپ بەرمەكتە

    تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 2016-يىلى 26-دېكابىر، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغانغا دەل ئىككى يىل بولدى.

    بۇ ئىككى يىل تارىخ بېتىدە گەرچە بىر كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىغا نىسبەتەن ئادەتتىكى ئىككى يىل ئەمەس.

    بۇ ئىككى يىل جەريانىدا مۇخبىر لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى شىنجاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 20 نەچچە قېتىم زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، ئاپپاراتى ئارقىلىق لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى خاتىرىلىدى.

    ئىككى يىلدىن بۇيان، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىدە قاتناۋاتقان ئېلېكتىروۋوزلار تومۇز ئىسسىق، ئاچچىق سوغۇق، قۇم-بوراننىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، سۈرئەت ۋە سان جەھەتتە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى. يولغا چىققان ئېلېكتىروۋوزلار 2014-يىلىدىكى 12 جۈپتىن 2016-يىلىدىكى 24.5 جۈپكە كۆپەيدى، جەمئىي 20 مىليون كىلومېتىر يول يۈرۈپ، 20 مىليون (قېتىم) يولۇچى توشۇلۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» دىكى ئەڭ قۇلايلىق قاتناش قورالى بولۇپ قالدى.

    لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1777 كىلومېتىر بولۇپ، شەرقتە لەنجۇدىن باشلىنىپ، غەربتە ئۈرۈمچىگىچە تۇتىشىدىغان ئوتتۇرا، ئۇزۇن مۇساپىلىك مۇھىم تۆمۈريول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىنى كېسىپ ئۆتىدىغان مۇھىم تۆمۈريول تومۇرى. بۇ تۈردە 2009-يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2014-يىلى 26-دېكابىر قاتناش باشلانغان.

    لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ تېز، قولايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا گەۋدىلىك رول ئوينىدى. كەلگۈسىدە، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئالاھىدىلىكى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىم ئورۇننى تۇتقۇسى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى