• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مېيزۇ مېيلەن Note 5 يانفونىنىڭ باھاسى ئورگان تورىدا 100 يۈەن ئۆستى

    مەنبە : www.ithome.com
    يوللانغان ۋاقىت : 17:11 03-01-2017
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلانغان خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ دۆلىتىمىزدىكى جىنلى، OPPO قاتارلىق يانفون كارخانىلىرى 2017-يىلى يانفون باھاسىنىڭ ئۆرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ ئەمەلىيەتتە يانفون شىركەتلىرىنىڭ خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئامالسىزلىقتىن قوللانغان تەدبىرى. يانفون زاپچاسلىرىنىڭ تەننەرخى ئادەتتە دوللار ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ، جۈملىدىن يانفوندىكى كامېرا سېنزورى، ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزىكى، ئېكران قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخىنىڭ ئۆسكەنلىكى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان پاكىت.

    مېيزۇ ئورگان تورى يىقىندا مېيزۇ تېلېۋىزور قۇتىسىنىڭ باھاسىنى 100 يۈەن ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئەسلىدە 6-يانۋار بازارغا سېلىنىدىغان مېيلەن Note 5 يانفونىنىڭ باھاسىنىمۇ 100 يۈەن ئۆستۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە 16GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 999 يۈەن، 32GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 1099 يۈەنگە تەڭشەلگەن، 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى ئۆزگەرمىگەن. جىڭدوڭ بىلەن مېيزۇ ئورگان تورى ئاللىقاچان يېڭىدىن تەڭشەلگەن باھانى رەسمىي يولغا قويغان.

    ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن باھانى قايتا تەڭشەش مېيزۇنىڭ ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە تور سىرتىدىكى بازارنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلغان يانفون كارخانىلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، ئىنتېرنېتتا سېتىش ئەندىزىسى قوللانغان يانفون شىركەتلىرى يانفون زاپچاسلىرى تەننەرخىنىڭ ئۆسۈپ كېتىش بېسىمىغا تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ، مېيلەن Note 5 يانفونىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكى پەقەت بىر سىگنال، يېقىن كەلگۈسىدە باشقا يانفونلارنىڭ باھاسىمۇ بۇرۇنقى باھاسىدا تۇرىۋەرمەسلىكى مۇمكىن.

    بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان مېيزۇ مېيلەن Note 5 يانفونىغا پەرق ئېتىشچانلىقى 1080p بولغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، 4000mAh باتارېيە، لىيەنفاكې Helio P10 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 16GBلىق ساقلاش بوشلۇقى سەپلەنگەن، 16GBلىق نۇسخىسىنىڭ بۇرۇنقى باھاسى 899 يۈەن ئىدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى