• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغانلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:56 03-01-2017
    تەھرىر : رەئىسە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



    ئەنگىلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر 59 ياشلىق 9365 پىدائىينى تاللاپ، 2002-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش دەرىجىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىنىقلىدى، ئاندىن 2013-يىلىغىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: « تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىدىغان، شۇنداقلا بەخت تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشى خەۋپى تۆۋەن بولىدىكەن. شۇڭا ياشانغانلار تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىشى، قانائەتتىن خۇشاللىق تېپىشى، ئاز قايغۇرۇپ ياكى ئاچچىقلىنىپ، مۇلايىم پىسخىك ھالەتنى ساقلىشى كېرەك».


    مۇتەخەسسىسلەر تەتقىقات جەريانىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېيىشتى:« پىدائىيلار تۇرمۇشتىن خۇشاللىق تېپىشقا مۇناسىۋەتلىك تۆت سوئالنىڭ خالىغان بىرىگە ‹ ئەزەلدىن خۇشال ئەمەس ياكى بوپ قالىدۇ› دەپ جاۋاب بەرگەن بولسا، بۇ پىدائىي تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنالمايدىغانلار قاتارىغا؛‹ بەزىدە ياكى ئادەتتىكىچە›دەپ جاۋاب بەرگەن بولسا، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنالايدىغانلار قاتارىغا قوشۇلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسى 24 پىرسەنت پىدائىينىڭ ھەر قانداق سورۇندىن بەخىت تۇيغۇسى تاپالمايدىغانلىقىنى، 20 پىرسەنت پىدائىينىڭ بەخت تۇيغۇسى ئوتتۇراھال، 34 پىرسەنت پىدائىينىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدى. تەكشۈرۈش تۈگىگىچە 1310 پىدائىي ئۆلۈپ كەتتى. سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا بەخت تۇيغۇسى بىر قەدەر ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئۆزلۈكسىز ئاشقانلىقىنى، بەخت تۇيغۇسى ئوتتۇراھال كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى 17 پىرسەنت، بەخت تۇيغۇسى كۈچلۈكلەرنىڭ 24 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقىدۇق».


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى