• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    چىش چوتكىلاش ۋە بوغۇم ياللۇغى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:01 03-01-2017
    تەھرىر : رەئىسە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


     
      ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ كېسەللىك تارىخىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى:« ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى چىش چوتكىلاش ئارقىلىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى، يەنى چىش مىلىكى يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيەلەر رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىكەن؛ بىز بىلىمىز، ھازىر دۇنيادا نۇرغۇن ئادەم رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ».


    مۇتەخەسسىسلەر خېلى بۇرۇنلا رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى بىلەن ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى پەرەز قىلغان، ئەمما بۇنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى تېخى ئىسپاتلانمىغان. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى يۇقۇملىنىش مەنبەلىك چىش مىلىكى كېسىلى ئاكتىنوباتسىللوز ئاقسىلىنى كۆپەيتىۋېتىپ، ئىممۇنېتېت سىستېمىسىنى بۇزىدىغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى.

    ئاكتىنوباتسىللوز ئاقسىلىنى تىزگىنلەش ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى، ئەمما تەتقىقات جەريانىدا مۇتەخەسسىسلەر رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرىدا بۇ جەرياندا ھەددىدىن زىيادە ئاكتىپلىشىپ، توقۇلمىلارنى بۇزۇپ ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى تەتقىقات نەتىجىسى بۇ قاراشنىڭ توغرىلىقىنى، يەنى چىش مىلىكى ياللۇغلانغانلاردىن ئىلىنغان ئەۋرىشكىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال شەكىللەنگەنلىكىنى دەلىللىدى. بىراق مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتىپ مۇنداق دېيىشتى:«تەكشۈرۈلگەن رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى بۇنداق مىكروب بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئىنكار قىلدى».

    مۇتەخەسسىسلەر رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنى ئۈچەي، ئۆپكە ياكى باشقا ئەزالاردىكى باكتېرىيەلەرنىڭ پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمىدى ۋە مۇنداق دېيىشتى:« بۇ خۇددى قۇراشتۇرۇلما رەسىم ئويۇنىنى ئۇزاق يىل تەتقىقات قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرقى بىر پارچە رەسىمنى دەل ئورنىغا قويغاندەكلا ئىش؛ ئەگەر بىزدە بۇ ئىككى ھادىسە بىرىككەندە پەيدا بولىدىغان نەتىجىگە نىسبەتەن چۈشەنچە كۆپ بولسا، بۇ خىل نەتىجىنىڭ يۈز بېرىشىگە كاشىلا پەيدا قىلىشنى ئەمەس، ئالدىنى ئېلىشنى تاللايدىغىنىمىز ئېنىق».

    ناھايىتى ئېنىقكى، ئامېرىكىدىكى « ئىلمىي تېبابەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ يېڭى بايقاشنىڭ رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى زور بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئاخىرىدا مۇنداق دېيىشىتى:«بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبىنى تېپىشقا ئەڭ يېقىنلاشقان تەتقىقات مېۋىسى بولۇشى مۇمكىن».


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى