• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلە›› شەرىپىگە ئېرىشكەن ئائىلىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:08 26-12-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەندىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلە›› شەرىپىگە ئېرىشكەن ئون ئائىلىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

    ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، گو يۇڭخۈي كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر كۆپچىلىك بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي سۆھبەتلەشتى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلە بولۇپ تەقدىرلەنگەن شىنجاڭلىق ئون ئائىلىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلار ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يېڭى يىللىق بەخت تىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: سىلەر مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتىڭلار ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتىڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ۋە ئائىلەڭلەرنىڭ شەرىپى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق، بارلىق ئائىلىلەرنىڭ شەرىپى. سىلەر ئائىلەڭلەردىكىلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى نامايان قىلدىڭلار، سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەر بەخت – سائادەت، خۇشاللىق، ئىناقلىقنىڭ نەمۇنىسى، سىلەرنىڭ ئىش – ھەرىكىتىڭلار كىشىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ، كىشىنى يۇقىرى ئۆرلەشكە يېتەكلەيدۇ، سىلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭلار. سىلەرنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك رولۇڭلارنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزى سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىي ئائىلە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، مەملىكىتىمىزدىكى مىليونلىغان ئائىلىلەرگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى تولۇق نامايان قىلىنغان، بۇ بىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىكنى، بولۇپمۇ ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى مۇھىم پىرىنسىپ ۋە تۈپ كۆرسەتكۈچ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئائىلىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە، ئائىلە ئىستىلىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي، چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلە، شەرىپىگە ئېرىشكەن ئون ئائىلە شىنجاڭدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئىلغارلار ۋەكىلى، ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ئىش – ھەرىكەتلىرىنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، ئۇلاردىكى يارقىن نۇقتىلارنى قېزىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، چىنلىق – ياخشىلىق – گۈزەللىكنى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەرنى مەدەنىي ئائىلىلەردىن ئۆگىنىش، ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا كەڭ دائىرىدە ئىشتىراك قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، يېتەكلەپ، ۋەتەننى، ئائىلىنى سۆيىدىغان، ئىناق ياشايدىغان، يۇقىرىغا، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان سوتسىيالىستىك ئائىلە مەدەنىيلىكى يېڭى ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئائىلە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ يۈكسىلىشى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنىڭ مۇھىم ئاساسىي نۇقتىسى، شۇڭا ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش نىشانى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئۇنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى بايلىق مەنبەلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى تارماقلىرى خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈشى كېرەك.

    ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدىكى دېھقان ھەنىپە ئالىماخۇن، قاراماي شەھىرى – شىنجاڭ نېفىتلىكى ئېغىر نېفىت ئېلىش شىركىتىنىڭ ئىشچىسى روزىمەمەت باقى تەقدىرلەنگەن ئائىلىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەتراپىمىزدىكى ئامما ۋە ئائىلىلەرنىڭ مەدەنىي ئائىلە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشىمىز.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى